باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بەش يىلدا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا تارىخىي خاراكتېرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى

2017.10.19 16:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يولداش شى جىنپىڭ 19-قۇرۇلتاي دوكلاتىدا، 18-قۇرۇلتايدىن بۇيانقى خىزمەتلەرنى ئەسلەپ ئۆتكەندە مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بەش يىلدا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا تارىخىي خاراكتېرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا ئومۇميۈزلۈك يېڭى ۋەزىيەت يارىتىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: 18-قۇرۇلتايدىن بۇيانقى بەش يىل بولسا پارتىيە ۋە دۆلەت تەرەققىياتىدا ئىنتايىن ئالاھىدە بەش يىل بولدى. دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ھالسىز، قىسمەن دائىرىلىك توقۇنۇش ۋە داۋالغۇش كۆپ يۈز بېرىۋاتقان، يەر شارى خاراكتېرلىك مەسىلىلەر تېخىمۇ كەسكىنلەشكەن تاشقى مۇھىتقا ۋە ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى يېڭى نورماللىققا قەدەم قويغان بىر قاتار چوڭقۇر ئۆزگىرىشلەرگە قارىتا، بىز مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت ئاساسىي رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، جاپاغا قارشى دادىل يۈزلىنىپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا تارىخىي خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق. بەش يىلدىن بۇيان، بىز «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرۈپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ماسلاشتۇرۇپ ئىلگىرى سۈرۈپ، «12-بەش يىللىق پىلان»نى غەلىبىلىك تاماملاپ، «13-بەش يىللىق پىلان»نى ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا ئومۇميۈزلۈك يېڭى ۋەزىيەت ياراتتۇق.

  ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشتا زور نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، تەرەققىيات قارىشى توغرىلىنىپ، تەرەققىيات شەكلى ئۆزگەرتىلىپ، تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمى ئۈزلۈكسىز ئۆستى. ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى ئوتتۇرا، يۇقىرى سۈرئەت ھالىتىدە داۋاملىشىپ، دۇنيادىكى ئاساسلىق دۆلەتلەر ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى. دۆلەت ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 54 تىرىليون يۈەندىن 80 تىرىليون يۈەنگە يېتىپ، دۇنيا بويىچە 2-ئورۇننى مۇقىم ساقلاپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپە نىسبىتى %30تىن ئاشتى. تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلما ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتى.

  ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا زور بۆسۈش ھاسىل قىلىندى. ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ماس قەدەمدە ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ھەرقايسى جەھەتلەردىكى تۈزۈلمە-مېخانىزم نۇقسانلىرى قەتئىي تۈگىتىلدى.

  دېموكراتىك قانۇن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىدا زور قەدەم تاشلاندى. سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىي پائال تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، پارتىيە رەھبەرلىكى، خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى خوجا بولۇشى، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تۈزۈم قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىلىپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك تۈزۈلما مېخانىزمى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، سوتسىيالىستىك دېموكراتىيە ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندى، پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيە تېخىمۇ كېڭىيىپ، سوتسىيالىستىك كېڭىشىش ئاساسىدىكى دېموكراتىيە ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىكسېپى مۇستەھكەملىنىپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ، مىللەتلەر، دىن خىزمىتىدە يېڭىلىق يارىتىش ئىلگىرى سۈرۈلدى. جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىش سىستېمىسى كۈندىن-كۈنگە مۇكەممەللىشىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىش قارىشى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى. دۆلەت مەمۇرىي تەپتىش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئېرىشتى.

  ئىدىيە، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىدا زور ئىلگىرىلەش بولدى. پارتىيەنىڭ ئىدېئولوگىيە خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكى كۈچەيتىلىپ، پارتىيەنىڭ نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ماركسىزمنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى يېتەكچىلىك ئورنى تېخىمۇ روشەنلەشتۈرۈلۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ۋە جۇڭگو ئارزۇسى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇلۇپ، ئاممىۋى خاراكتېرلىك مەنىۋى مەدەنىيلىك بەرپا قىلىش پائالىيىتى پۇختا قانات يايدۇرۇلدى.

  خەلق تۇرمۇشى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى. زور بىر تۈركۈم خەلققە نەپ يەتكۈزۈش تەدبىرلىرى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك ئاشتى. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ھەل قىلغۇچ خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلۈپ، 60 مىليوندىن ئارتۇق نامرات ئاھالە نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، نامراتلىق كۆرۈلۈش نىسبىتى %10.2 تىن تۆت پىرسەنتكە چۈشتى. مائارىپ ئىشلىرى ئومۇميۈزلۈك راۋاجلاندۇرۇلۇپ، غەربىي ۋە ئوتتۇرا قىسىمنىڭ يېزا مائارىپى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى. ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالى داۋاملىق ياخشىلىنىپ، شەھەر-بازارلاردا يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 13 مىليون كىشىدىن ئاشتى. شەھەر-يېزا ئاھالىلىرى كىرىمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن ئېشىپ، ئوتتۇراھال كىرىملىكلەر توپى داۋاملىق زورايدى. شەھەر-يېزا ئاھالىسىنى قاپلىغان ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى ئاساسىي جەھەتتىن بەرپا قىلىنىپ، خەلقنىڭ ساغلاملىقى ۋە داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش سەۋىيەسى زور دەرىجىدە ئۆسۈپ، كاپالەتلىك تۇرالغۇ ئۆي قۇرۇلۇشى مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈلدى. جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتى مۇقىم بولۇپ، دۆلەت بىخەتەرلىكى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيدى.

  ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى.

  ئارمىيەنى كۈچەيتىش، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتى يارىتىلدى.

  شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن خىزمىتىدە يېڭى ئىلگىرىلەش بولدى.

  ھەر تەرەپلىمە دىپلوماتىيە ئورۇنلاشتۇرۇشى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلدى.

  پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى. پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىلىپ، پارتىيەنى باشقۇرۇشتىكى يۇمشاق ئەھۋال قەتئىي ئۆزگەرتىلدى. پۈتۈن پارتىيەنىڭ پارتىيە نىزامنامىسىگە ھۆرمەت قىلىشى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيلىق ئېڭى، يادرولۇق ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭى كۈچەيتىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكى قەتئىي قوغدىلىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسى قاتتىق ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتى قاتلاممۇقاتلام ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى. پارتىيە قۇرۇلۇشى تۈزۈمى ئىسلاھاتى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، پارتىيە ئىچىدىكى نىزام-تۈزۈم سىستېمىسى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈلدى. ئىنتىزامنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولۇۋاتقان، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىغا تەھدىتى ئەڭ چوڭ بولغان گەۋدىلىك مەسىلىلەر كۈچەپ ھەل قىلىندى. چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتا چەكلەنگەن رايون بولماسلىقتا چىڭ تۇرۇلۇپ، تولۇق قاپلاپ، تەخىرسىز بولۇپ، «يولۋاسقا زەربە بېرىش» ،«چىۋىن»نى يوقىتىش، «تۈلكە ئوۋلاش»تا قەتئىي تەۋرەنمەي، چىرىكلىشىشكە جۈرئەت قىلالماسلىق نىشانى دەسلەپكى قەدەمدە ئىشقا ئاشۇرۇلدى، چىرىكلىشەلمەيدىغان قەپەس بارغانسېرى چىڭىپ، چىرىكلىشىشنى خالىماسلىق توسۇقى بەرپا قىلىنىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئۈستۈنلۈك ۋەزىيىتى شەكىللەندى ھەمدە مۇستەھكەملىنىپ تەرەققىي قىلدۇرۇلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بەش يىلدىن بۇيانقى مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆپ تەرەپلىمىلىك، باشلامچىلىققا ئىگە بولۇپ، بەش يىلدىن بۇيانقى ئىسلاھات چوڭقۇر قاتلاملىق ھەم تۈپ خاراكتېرگە ئىگە. بەش يىلدىن بۇيان، پارتىيەمىز غايەت زور سىياسىي جاسارەت ۋە كۈچلۈك بولغان مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، بىر قاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى تەپەككۇر، يېڭى ئىستراتېگىيەنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىر قاتار چوڭ فاڭجېن، سىياسەتلەرنى چىقىرىپ، بىر قاتار مۇھىم تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، بىر قاتار مۇھىم خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەل قىلىنىش زۆرۈر بولغان ھەم ھەل بولماي ئۇزاققا سوزۇلغان نۇرغۇن قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى، ئىلگىرى ھەل قىلىش ئارزۇ قىلىنغان، لېكىن ھەل قىلىنمىغان چوڭ ئىشلارنى ھەل قىلدى، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش ياساش ئىلگىرى سۈرۈلدى. بۇ تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەر پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا زور ھەم چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بەش يىلدىن بۇيان، بىز پارتىيەمىز دۇچ كەلگەن زور خەۋپ-خەتەرلىك سىناقلارغا ۋە پارتىيە ئىچىدە ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە قارىتا دادىل يۈزلىنىپ، قەيسەر ئىرادە ۋە ئىنتىزامدا قاتتىق، دۇرۇس بولۇشتەك پەزىلىتىمىز بىلەن چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، رەزىللىكنى جازالاپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىچكى قىسمىدا ساقلانغان ئېغىر يوشۇرۇن خەۋپنى تۈگىتىپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي ئېكولوگىيەنى يېڭىلىدۇق، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي ئېكولوگىيە كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، پارتىيەنىڭ ئىجادكارلىقى، ئۇيۇشۇش كۈچى، جەڭگىۋارلىقى كۆرۈنەرلىك ئاشتى، پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى، بىرلىكى تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىپ، پارتىيە بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، پارتىيە ئىنقىلاب خاراكتېرلىك تاۋلىنىشتا تېخىمۇ قەيسەر بولۇپ، تېخىمۇ كۈچلۈك، يېڭى، قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچكە تولۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچلۈك سىياسىي كاپالەتكە ئىگە قىلىندى.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، شۇنىمۇ سەگەكلىك بىلەن كۆرۈشىمىز كېرەككى، بىزنىڭ خىزمىتىمىزدە تېخى نۇرغۇن يېتەرسىزلىكلەر مەۋجۇت، يەنە ئاز بولمىغان قىيىنچىلىق ۋە خىرىسقا دۇچ كەلمەكتىمىز. بۇ مەسىلىلەر چوقۇم كۈچەپ ھەل قىلىنىشى كېرەك.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 18-ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر