باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو كومپارتىيەسىدىكى كوممۇنىستلارنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچى بولسا، جۇڭگو خەلقىنىڭ بەختىنى ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ گۈللىنىشىنى كۆزلەشتىن ئىبارەتتۇر

2017.10.18 16:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يولداش شى جىنپىڭ بۇ 19- قۇرۇلتاي ئۈچۈن بەرگەن دوكلاتىدا مۇنداق دېدى: جۇڭگو كومپارتىيەسىدىكى كوممۇنىستلارنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچى بولسا، خەلقىنىڭ بەختىنى ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ گۈللىنىشىنى كۆزلەشتىن ئىبارەتتۇر.شى جىنپىڭ يەنە مۇنداق دېدى: جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 19- قۇرۇلتىيى بولسا، ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشانىنى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىدا ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىرىۋاتقان ھالقىلىق پەيتتە ئېچىلغان بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم يىغىن ھېسابلىنىدۇ.

  بۇ قۇرۇلتاينىڭ ئاساسى تېمىسى شۇكى: ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش نىشانىنى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.

  شى جىنپىڭ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنۇتمىغاندا، كۆزلىگەن نەتىجىگە يەتكىلى بولىدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچى بولسا، جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنى گۈللەندۈرۈش. بۇ ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچ جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنى توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئىلھاملاندۇرىدىغان تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ. كومپارتىيەلىك يولداشلىرىمىز چوقۇم مەڭگۈ خەلق بىلەن ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولۇپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى مەڭگۈلۈك كۈرەش نىشانى قىلىپ، مەڭگۈ ھارمايدىغان، زېرىكمەيدىغان روھىي ھالەت ۋە باتۇرانە ئىلگىرىلەيدىغان كۈرەش ھالىتىدە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلىشى كېرەك.شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: نۆۋەتتە، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىنىڭ ۋەزىيىتىدە چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، ئېلىمىزنىڭ تەرەققىياتى يەنىلا مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، ئىستىقبال ئىنتايىن پارلاق، خىرىس ئىنتايىن كەسكىن. كومپارتىيەلىك يولداشلىرىمىز چوقۇم ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىپ، خاتىرجەم شارائىتتا تۇرغاندىمۇ خەۋپ-خەتەرنى ئويلاپ، دادىل ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، دادىل يېڭىلىق يارىتىپ، مەڭگۈ قاتماللاشماي، مەڭگۈ توختاپ قالماي، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبىسى ۋە يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشى لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر