باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

يۈ جېڭشېڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتناشقاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

ئەقىل-پاراسەت ۋە كۈچنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرەيلى

2017.10.19 13:31   مەنبە: خەلق تورى

ئەقىل-پاراسەت ۋە كۈچنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرەيلى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يولداش يۈ جېڭشېڭ 10-ئاينىڭ 18-كۈنى چۈشتىن كېيىن پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتناشقاندا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسەتنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئەقىل-پاراسەت ۋە كۈچنى كەڭ كۆلەمدە مۇجەسسەملەيلى.

  يۈ جېڭشېڭ سۆزىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يولداش شى جىنپىڭنىڭ 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى نامىدىن بەرگەن دوكلاتىدا، ئۆتكەن بەش يىلدا پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا يۈز بەرگەن تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەر سىستېمىلىق يەكۈنلەندى، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش ئىدىيەسى چوڭقۇر شەرھلەندى، بۈگۈنكى جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان بىر قاتار زور ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. دوكلات پارتىيەمىزنىڭ يېڭى دەۋرگە قەدەم قويۇپ، يېڭى مۇساپىنى باشلاش، داۋاملىق يېڭى سەھىپىنى يېزىپ چىقىشتىكى سىياسىي خىتابنامە ۋە ھەرىكەت پىروگراممىسىدۇر. بىز چوقۇم ئەستەيىدىل ئۆگىنىشىمىز، قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز كېرەك.

  يۈ جېڭشېڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: 18-قۇرۇلتاي مابەينىدە، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدا بىر قاتار زور فاڭجېن- سىياسەتلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانى ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋە دىنىي ئەسەبىيلىككە زەربە بېرىش يۇقىرى بېسىم ھالىتى داۋاملىق ساقلاندى، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ئىلگىرى سۈرۈلدى، قوش تىل مائارىپى ۋە كەسپىي مائارىپ ياخشى تۇتۇلدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش قەدىمى تېزلىتىلدى، بىڭتۈەننىڭ ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى، شىنجاڭ خىزمىتىدە مۇھىم ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سىياسەتلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  يولداش ئەركىن ئىمىرباقى شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·2018-يىللىق ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش بۈگۈن رەسمىي باشلاندى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئېلىمىزنىڭ ئالىي مائارىپ بويىچە تەربىيەلىنىش ئومۇمىي كۆلىمى دۇنيا بويىچە 1-ئو…
    ·ئارمىيەدىن ئىبارەت چوڭ سەھنىدە قابىلىيىتىڭلارنى جارى قىلدۇرۇپ، گازارمىدىن ئىبارەت چوڭ پېچتا پولاتتە…
    ·شىنجاڭ ئاساسىي قاتلام سىياسىي-قانۇن ئورگانلىرىغا 589 ئادەم تولۇقلاپ قوبۇل قىلىدۇ
    ·شىنجاڭدا ئۈچ يىل ئىچىدە 15 يىللىق مائارىپ ئاساسىي جەھەتتىن ئومۇملاشتۇرۇلىدۇ
    ·شىنجاڭدا 5000 مەمۇر ۋە ئوقۇتقۇچى مائارىپقا ياردەم بېرىشكە تاللاپ ئەۋەتىلىدۇ
    ·ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇنۋان ۋە باھالاش تۈزۈمى ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدۇ
    ·گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشسىز قېلىشى…
    ·ئاپتونوم رايونىمىزدىن ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن 4000 ئوقۇغۇچى ئىچكىرىگە تەربىيەلىنىشكە تاللاپ ئەۋ…
    ·2018- يىللىق ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھان بېرىشنىڭ دەسلەپكى ئىمتىھان ۋاقتى بېكىتىلدى