باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدىكى يېڭى ئىدىيە، يېڭى ھۆكۈم، يېڭى ئاتالغۇ، يېڭى تەدبىرلەر

ئىجتىمائىي ئاساسىي زىددىيەتنىڭ تارىخىي خاراكتېرلىك يېڭى ئۆزگىرىشى: يەنى، «خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجى بىلەن تەڭپۇڭسىز ۋە تولۇق بولمىغان تەرەققىياتى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت»كە ئايلىنىشى

2017.10.20 08:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىدا ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋىرگە كىرگەن ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 19 قۇرۇلتىيى 18- ئۆكتەبىر بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ئېچىلدى.

  شى جىنپىڭ بەرگەن 19- قۇرۇلتاي دوكلاتى دەبدەبىلىك بولدى، مەزمۇنى مول بولدى. بۇ 30 نەچچە مىڭ خەتلىك دوكلاتتا تارىخنى ئەسلەپ، كەلگۈسىگە نەزەر سېلىش ئارقىلىق، بەش يىلدىن بۇيان جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىلىرى ۋە ئىلھامى مۇجەسسەملەشتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا ھازىردىن باشلاپ 2020- يىلىغىچە، ھەتتا مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بولغان ئۇلۇغۋار پىلانلار تەسۋىرلەندى. دوكلاتتا، بىر قاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى ھۆكۈم، يېڭى ئاتالغۇ يېڭى تەدبىرلەر كىشىلەرنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى قوزغاپ، كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى.

  ئىجتىمائىي ئاساسىي زىددىيەتنىڭ تارىخىي خاراكتېرلىك يېڭى ئۆزگىرىشى: يەنى، «خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجى بىلەن تەڭپۇڭسىز ۋە تولۇق بولمىغان تەرەققىياتى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت»كە ئايلىنىشى

  ئۆتكەنكى خېلى ئۇزاق بىر مەزگىلگىچە، جۇڭگو جەمئىيىتىدىكى ئاساسىي زىددىيەت توغرىسىدىكى بايانلارنىڭ ھەممىسى بىردەك ھالدا «خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان ماددىي مەدەنىيەت ئېھتىياجى بىلەن قالاق ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىشى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتتۇر»، دەپ بايان قىلىنغان ئىدى. 19- قۇرۇلتاي دوكلاتىدا، دۆلىتىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسىي زىددىيەت ئاللىقاچان ئۆزگىرىپ، ئۇ ھازىر «خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجى بىلەن تەڭپۇڭسىز ۋە تولۇق بولمىغان تەرەققىياتى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت»كە ئايلاندى، دەپ كۆرسىتىلدى.

  نۆۋەتتە خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئېھتىياجى، ماددىي مەدەنىيەت تۇرمۇشىغا تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپلەرنى قويۇپلا قالماستىن، خەلقنىڭ تېخى يەنە دېموكراتىيە بولۇش، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش، لىللا بولۇش، ئادىللىق، بىخەتەرلىك، مۇھىت قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەلىپىمۇ كۈنسېرى ئاشتى؛ ئېلىمىزنىڭ ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ سەۋىيەسى ئومۇميۈزلۈك كۆرۈنەرلىك ئۆستى، ھازىر تېخىمۇ گەۋدىلىك زىددىيەت − شەھەر- يېزىلار، رايونلار، كىرىم تەقسىماتى قاتارلىقلاردا ساقلانغان تەكشىسىزلىك ۋە تولۇق بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەر بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. بۇ ھازىر خەلقنىڭ كۈنسايىن ئېشىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشنى چەكلەيدىغان بىر ئاساسلىق ئامىلغا ئايلىنىپ قالدى.

  جەمئىيەتتىكى ئاساسىي زىددىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى ئومۇمىيەتكە مۇناسىۋەتلىك، ھەم تەسىرىمۇ بەك چوڭ بولۇپ، بۇ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خىزمەتلىرىگە نۇرغۇن يېڭى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. دوكلاتتا، جەمئىيەتتىكى ئاساسىي زىددىيەتتە ئۆزگىرىش بولغانلىقى دۆلىتىمىز سوتسىيالىزمىنىڭ تۇرۇۋاتقان تارىخىي باسقۇچىغا بولغان ھۆكۈمىمىزنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ، دۆلىتىمىزنىڭ ھېلىھەم سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان، ھەم ئۇزاققىچە شۇ باسقۇچتا تۇرىدىغان ئاساسىي دۆلەت ئەھۋالى ئۆزگەرگىنى يوق.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر