باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم كۆزىتىش گۇرۇپپىسى يەتتە ئورۇنغا قارىتا مەخسۇس كۆزىتىشنى قانات يايدۇردى

2016.05.19 15:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، 5 - ئاينىڭ 16 - كۈنىدىن باشلاپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بىرىنچى، ئۈچىنچى، تۆتىنچى، بەشىنچى، يەتتىنچى، سەككىزىنچى، توققۇزىنچى كۆزىتىش گۇرۇپپىسى ئارقا - ئارقىدىن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى، «بۈگۈنكى شىنجاڭ» ژۇرنىلى تەھرىراتى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىسادىي تەپتىش نازارىتى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپى (ئاپتونوم رايونلۇق مەمۇرلار ئىنستىتۇتى) قاتارلىق ئورۇنغا كېلىپ، كۆزىتىش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. كۆزىتىش مەزگىلىدە، كۆزىتىش گۇرۇپپىسى يۇقىرىقى ئورۇنلاردا مەخسۇس نۆۋەتچىلىك تېلېفونى ۋە مەخسۇس پوچتا ساندۇقى تەسىس قىلىپ، كۆزىتىلىدىغان ئورۇنلاردىكى پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە ئۇنىڭ ئەزالىرى، بىر دەرىجە تۆۋەن پارتىيە تەشكىلاتى رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى ۋە مۇھىم ئورۇنلاردىكى رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مەسىلىلىرى ئىنكاس قىلىنىپ ئەۋەتىلگەن خەت، بېرىلگەن تېلېفون ۋە زىيارەتنى قوبۇل قىلىپ بىر تەرەپ قىلىدۇ. بولۇپمۇ، «ئالتە تۈرلۈك ئىنتىزام» قاتارلىق تەرەپلەردىكى پاش قىلىش ۋە ئىنكاسنى قوبۇل قىلىدۇ. قوبۇل قىلىش ۋاقتى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 10:00دىن 22:00 گىچە بولىدۇ.

  بۇ قېتىمقى مەخسۇس كۆزىتىشتە مەركەزنىڭ سىياسىي كۆزىتىش تەلىپى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، سىياسىي ئېگىزلىكتە پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، سىياسىي تەلەپ جەھەتتە پارتىيە قۇرۇلۇشى چىڭ تۇتۇلۇپ، سىياسىي ئورنى جەھەتتە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش مەركەزلەشتۈرۈلىدۇ.

  كۆزىتىش جەريانىدا، باشتىن - ئاخىر باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىنى ئەينەك قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، «تۆت ئاڭ» ئۈلگە قىلىنىپ، «پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسى، پارتىيە ئىنتىزامى» ئۆلچەم قىلىنىپ مۇھىم ئادەم، مۇھىم ئىش ۋە مۇھىم مەسىلە چىڭ تۇتۇلۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنىڭ ئاجىزلىشىشى، پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يېتەرسىز بولۇشى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ كۈچلۈك بولماسلىقى مەسىلىسىگە يېقىندىن دىققەت قىلىنىپ، مەسىلىلەر ۋاقتىدا بايقىلىپ، ئۇلار چۆچىتىلىپ، ئۆزگەرتىشكە بۇيرۇلۇپ، تەرەققىيات ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن – سىياسەتلىرى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك يادرولۇق رولى گەۋدىلەندۈرۈلىدۇ. «ئالتە تۈرلۈك ئىنتىزام» بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ، ئىنتىزام قانۇندىن قاتتىق بولۇش، ئىنتىزام قانۇننىڭ ئالدىدا بولۇشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، سىياسىي ئىنتىزام مۇھىم ئورۇنغا قويۇلۇپ، قاتتىق سىياسىي ئىنتىزام ئارقىلىق باشقا ئىنتىزاملارغا قاتتىق تەلەپ قويۇلۇپ، كۆزىتىلىدىغان ئورۇننىڭ پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە بارلىق پارتىيە ئەزالىرىنىڭ پارتىيە نىزامنامىسىگە ھۆرمەت قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىنىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىغا قاتتىق تەلەپ قويۇلۇپ، ئىستىلى دۇرۇس، كەيپىياتى توغرا بولغان ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيەلىك مۇھىت يارىتىلىدۇ.

  1-كۆزىتىش گۇرۇپپىسى:

  كۆزىتىش ئوبيېكتى: ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى، مەخسۇس نۆۋەتچىلىك تېلېفونى: 0991—2370525، 18097650290، مەخسۇس پوچتا ساندۇقى: ئۈرۈمچى شەھەرلىك 166 - نومۇرلۇق خەت ساندۇقى؛

  3-كۆزىتىش گۇرۇپپىسى:

  كۆزىتىش ئوبيېكتى: «بۈگۈنكى شىنجاڭ» ژۇرنىلى تەھرىراتى، مەخسۇس نۆۋەتچىلىك تېلېفونى: 0991—8848208، 15160902297، مەخسۇس پوچتا ساندۇقى: ئۈرۈمچى شەھەرلىك 163 - نومۇرلۇق خەت ساندۇقى، ئېلخەت: zzq3xsz@163.com ؛

  4-كۆزىتىش گۇرۇپپىسى:

  كۆزىتىش ئوبيېكتى: ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى، مەخسۇس نۆۋەتچىلىك تېلېفونى: 0991—7626999 ئارقىلىق 8411 ئۇلىنىدۇ، مەخسۇس پوچتا ساندۇقى: ئۈرۈمچى شەھىرى بېيجىڭ ئوتتۇرا يولى شەرقىي ئىككىنچى كوچىسى 50 - نومۇر بەش ھالقا تەنھەرىكەتچىلەر ئائىلىسى مېھمانخانىسى ( 165 - نومۇرلۇق پوچتا مەخسۇس خەت ساندۇقى)؛

  5-كۆزىتىش گۇرۇپپىسى:

  كۆزىتىش ئوبيېكتى: ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىسادىي تەپتىش نازارىتى، مەخسۇس نۆۋەتچىلىك تېلېفونى: 0991—2933409، 18195819657، مەخسۇس پوچتا ساندۇقى: ئۈرۈمچى شەھەرلىك 160 - نومۇرلۇق خەت ساندۇقى؛

  7-كۆزىتىش گۇرۇپپىسى:

  كۆزىتىش ئوبيېكتى: ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مەخسۇس نۆۋەتچىلىك تېلېفونى: 0991—7568825، مەخسۇس پوچتا ساندۇقى: ئۈرۈمچى شەھەرلىك 162 - نومۇرلۇق خەت ساندۇقى؛

  8-كۆزىتىش گۇرۇپپىسى:

  كۆزىتىش ئوبيېكتى: ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى، مەخسۇس نۆۋەتچىلىك تېلېفونى: 0991—2203758، 18129204491، 18139606760، مەخسۇس پوچتا ساندۇقى: ئۈرۈمچى شەھەرلىك 164 - نومۇرلۇق خەت ساندۇقى، ئېلخەت: raul_agsa@sina.cn ؛

  9-كۆزىتىش گۇرۇپپىسى:

  كۆزىتىش ئوبيېكتى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپى (ئاپتونوم رايونلۇق مەمۇرلار ئىنستىتۇتى)، مەخسۇس نۆۋەتچىلىك تېلېفونى: 0991—2646746،13379787660، مەخسۇس پوچتا ساندۇقى: ئۈرۈمچى شەھەرلىك 161 - نومۇرلۇق خەت ساندۇقى؛

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر