باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

گېنى ئۆزگەرتىلگەن يېمەكلىك «ھەممىگە قادىر» ئەمەس ھەم «ئالۋاستى»مۇ ئەمەس

2016.05.19 15:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكىنىڭ گېنى ئۆزگەرتىلگەن يېمەكلىك ھەققىدىكى ئەڭ يېڭى دوكلاتى ھەم گېنى ئۆزگەرتىلگەن زىرائەتلەر ھەققىدە ئۇزۇندىن بېرى ھەرخىل پاراڭلار بولۇندى، بەزىلەر قوللىدى، بەزىلەر تەنقىدلىدى. ئامېرىكا دۆلەتلىك ئىلىم-پەن، قۇرۇلۇش ۋە تېببىي ئىنىستىتۇتى 17-ماي چوڭ تىپتىكى بىر دوكلاتنى ئېلان قىلىپ، گېن ئۆزگەرتىش ساھەسىدىكى «كىشىلەرنى قايمۇقتۇرغان» مەسىلىلەرگە جاۋاب بەردى. ئىلىم ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن بۇ دوكلات گېنى ئۆزگەرتىلگەن يېمەكلىكلەرنىڭ سالامەتلىككە پايدىسىز ئەمەسلىكىنى، بىخەتەر ئىستېمال قىلىشقا بولىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم جەزملەشتۈردى؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دوكلاتتا يەنە گېن ئۆزگەرتىش تېخنىكىسىنى قوللىغۇچىلار تەرغىب قىلغاندەك، ئاشلىق مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇشقا ياردەم بەرمەيدۇ، دەپ قارالدى.

  408 بەتلىك بۇ دوكلاتتا، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن باشلاپ، گېن قۇرۇلۇشى تېخنىكىسى مېۋىلەرنىڭ ساقلاش ۋاقتىنى ئۇزارتىش، يېمەكلىكلەرنىڭ ۋېتامىن مىقدارىنى ئاشۇرۇش ياكى زىرائەتلەرنىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق ئالاھىدە خۇسۇسىيەت پەيدا قىلىشقا ئىشلىتىلدى، بىراق پەقەت ئوت-چۆپ ئۆلتۈرۈش دورىسى ۋە ھاشارات ئۆلتۈرۈش دورىسى قاتارلىق ئىككى خىل گېن كۆچۈرۈش تېخنىكىسى سودا كەسپىدە كەڭ ئىشلىتىلدى. ھازىر سېرىق پۇرچاق، كېۋەز ۋە كۆممىقوناق قاتارلىق ئۈچ خىل گېنى كۆچۈرۈلگەن زىرائەت ئەڭ كەڭ تېرىلماقتا.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى:ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر