باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ: تۆھپە كۆرسىتىش، شەرەپ كەلتۈرۈشنىڭ روھىي جەھەتتىن يېتەكلەش، تىپىك ئۈلگە بولۇش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە ئەخلاقلىق كىشىلەردىن ئۆگىنىش، قەھرىمانلارنى ئىززەتلەش، ئاۋانگارت بولۇشقا تىرىشىشتەك ياخشى كەيپىياتنىڭ شەكىللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

2016.05.19 13:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا پارتىيە ۋە دۆلەتكە تۆھپە كۆرسەتكەن، شەرەپ كەلتۈرگەنلەرنى تەقدىرلەش خىزمىتىگە مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە ۋە دۆلەتكە تۆھپە كۆرسەتكەن، شەرەپ كەلتۈرگەنلەرنى تەقدىرلەشنىڭ روھىي جەھەتتىن يېتەكلەش، تىپىك ئۈلگە بولۇش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە ئەخلاقلىق كىشىلەردىن ئۆگىنىش، قەھرىمانلارنى ئىززەتلەش، ئاۋانگارت بولۇشقا تىرىشىشتەك ياخشى كەيپىياتنىڭ شەكىللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيە ۋە دۆلەتكە تۆھپە كۆرسەتكەن، شەرەپ كەلتۈرگەنلەرنى تەقدىرلەش تۈزۈمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش − جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارشى يېتىلدۈرۈش ۋە ئەۋج ئالدۇرۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم ئۇسۇلى. بىر تۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىيىتىنى چىقىش قىلىپ، توغرا يۆنىلىشنى پۇختا ئىگىلەپ، ئىلمىي پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، تۆھپە كۆرسەتكەن، شەرەپ كەلتۈرگەنلەرنى تەقدىرلەش تۈزۈمىنىڭ ئۈنۈملۈك، كارغا كېلىدىغان، مۇقىم، ئۇزاققا سوزۇلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش؛ كۆرسەتكەن تۆھپىنىڭ يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئەخلاقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ياراتقان تۆھپىنى مۇھىم ئۆلچەش ئۆلچىمى قىلىپ، ئۆلچەمنى قاتتىق ئىگىلەپ، ئاز بولسىمۇ ساز قىلىپ، ئەمەلىيەت، ئامما، تارىخنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرىش؛ قانۇن-بەلگىلىمىگە ئاساسلىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، بەلگىلەنگەن ئۆلچەم ۋە تەرتىپ بويىچە خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، يۈرۈشلەشكەن قانۇن-نىزاملارنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۆھپە كۆرسەتكەن، شەرەپ كەلتۈرگەنلەرنى تەقدىرلەشنىڭ ئادىللىقلىقى ۋە نوپۇزىنى قوغداش؛ تۆھپە كۆرسەتكەن، شەرەپ كەلتۈرگەنلەرنى تەقدىرلەش تۈزۈمىنى تەشۋىق قىلىش، چۈشەنچە بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئۇنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى شەرھلەپ، «ئىككى 100 يىل» كۈرەش نىشانى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن كۈچلۈك مەنىۋى كۈچ مۇجەسسەملەش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر