باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئەتىيازلىق 2-تۈركۈمدىكى كۇرسانتلارنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

ليۇ يۈنشەن مۇراسىمغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى

2016.05.17 16:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى 16-ماي 2016-يىللىق ئەتىيازلىق 2-تۈركۈمدىكى كۇرسانتلارنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ مۇدىرى ليۇ يۈنشەن يىغىنغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: رەھبىرىي كادىرلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىردە لاياقەتلىك بولۇش» ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنى باشلامچىلىق بىلەن ئىچكىرىلەپ ئۆگىنىپ ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۈلگىلىك يېتەكلەش رولى، ئۆگىنىشكە يېتەكلەپ تۈرتكە بولۇش رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە نەزەرىيەسى، يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى بىلەن مېڭىنى تېخىمۇ ياخشى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك.

  ليۇ يۈنشەن مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزى دەۋر ۋە ئەمەلىيەت تەرەققىياتىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىغا بولغان يېڭى تەلىپىنى مەركەزلىك ئىپادىلىدى، ئۇ پارتىيەنىڭ ئىلمىي نەزەرىيەسىنى يەنىمۇ بېيىتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشتا مۇھىم سىياسىي، نەزەرىيىۋى، ئەمەلىي ۋە مېتودولوگىيە ئەھمىيىتىگە ئىگە. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار بىر قاتار مۇھىم سۆزنى چوڭقۇر ئۆگەنگەندىلا، ماركىسىزم نەزەرىيە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيەۋىلىك جەھەتتىكى تەربىيەلىنىشىنى كۈچەيتەلەيدۇ، ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى پۇختا ئىگىلەپ، زىممىسىدىكى مەسئۇلىيەت-بۇرچنى ياخشى ئادا قىلالايدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر