باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە مەركەز مالىيە-ئىقتىساد رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ 13-قېتىملىق يىغىنى ئېچىلدى

تەمىنلەش جەھەتتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى قەتئىي ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىيات جەريانىدا كىرىمى ئوتتۇراھاللارنى ئۈزلۈكسىز كۆپەيتىش كېرەك

لى كېچياڭ، ليۇ يۈنشەن، جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى

2016.05.17 16:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى، مەركەز مالىيە-ئىقتىساد رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى شى جىنپىڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 16-ماي مەركەز مالىيە-ئىقتىساد رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ 13-قېتىملىق يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا، تەمىنلەش جەھەتتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە كىرىمى ئوتتۇراھاللارنى كۆپەيتىش خىزمىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش مۇزاكىرە قىلىندى. شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: تەمىنلەش جەھەتتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى ۋە ئېلىمىز ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە ئۇنىۋېرسال ھۆكۈم چىقىرىش ئاساسىدا چىقىرىلغان مۇھىم تەدبىر. جايلار، تارماقلار ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارار، ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، «ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى كېمەيتىش، ئىسكىلات قالدۇقىنى ئازايتىش، پىشاڭنى ئاجىزلاشتۇرۇش، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش، يېتەرسىزلىكنى تۈگىتىش»نى نۇقتىلىق ئىلگىرى سۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنىڭ ئېغىرلىقىدىن ساقلاپ تۇرۇش، قىيىنچىلىقنىڭ كۆپلۈكىدىن توختاپ تۇرۇش، خەۋپ-خەتەردىن ئۆزىنى قاچۇرۇش، ئاغرىقتىن قورقۇپ ئىزىدا توختىۋېلىشتىن ساقلىنىپ، جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىنى تۇرغۇزۇپ، بۇ خىزمەتنى قەتئىي ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئەمگەك ئارقىلىق بېيىش ۋە جاپالىق كۈرەش قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كىشىلەرنى ئەمگەك ئارقىلىق گۈزەل تۇرمۇش بەرپا قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى، مەركەز مالىيە-ئىقتىساد رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى كېچياڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركەز مالىيە-ئىقتىساد رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى ليۇ يۈنشەن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، مەركەز مالىيە-ئىقتىساد رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر