باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئوتتۇرا يەر دېڭىزىدىن ئوغرىلىقچە ئۆتۈش ھەرىكەتلىرىگە زەربە بېرىش توغرىسىدا مۇزاكىرە ئىلىپ بېرىلدى

2016.05.18 16:18         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياۋروپا ئىتتىپاقى ھەربىي كومىتېتى تۈنۈگۈن ئەزا دۆلەتلەر دۆلەت مۇداپىئە ئىشتاب باشلىقلىرى يىغىنى ئېچىپ، ئوتتۇرا يەر دېڭىزىدىكى نوپۇس ئەتكەسچىلىكىگە زەربە بېرىش ھەرىكىتى يەنى « ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرا يەر دېڭىزى دېڭىز ئارمىيەسى» ھەرىكىتىنىڭ پىلانلىنىشى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشىنى مۇزاكىرە قىلدى.

  يىغىندىن كېيىن ئېلان قىلىنغان ئاخباراتقا ئاساسەن، «ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرا يەر دېڭىزى دېڭىز ئارمىيەسى» ھەرىكىتىنىڭ قوماندانى، ئىتالىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ گېنېرال مايورى كېرىدىندىنو يىغىندا مۇنداق دېدى: ئۆتكەن يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان، بۇ ھەرىكەتتە ئادەم ئەتكەسچىلىكىگە قاتناشقان 69 جىنايەت گۇماندارى قولغا ئېلىندى ھەم ئىتالىيە دائىرىلىرىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى. 114 گۇمانلىق پاراخوتقا تىجارىتىنى توختىتىش تەدبىرى قوللىنىلدى. بۇنىڭدىن سىرت بۇ ھەرىكەتتە يەنە چېگرىدىن ئوغرىلىقچە ئۆتكەن 14مىڭ كۆچمەن ۋە مۇساپىر قۇتقۇزۇۋېلىندى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر