باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ: پىلانلىق تۇغۇتتىن ئىبارەت ئاساسىي دۆلەت سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نوپۇسنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك تەكشى تەرەققىياتى ۋە ئائىلىلەرنىڭ ئىناق، بەختلىك بولىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

2016.05.19 13:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو پىلانلىق تۇغۇت جەمئىيىتىنىڭ 8-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى ۋە ئىلغارلارنى تەقدىرلەش يىغىنى 18-ماي بېيجىڭدا ئېچىلدى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مۇھىم كۆرسەتمە بېرىپ، قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، تەقدىرلەنگەن ئىلغار كوللېكتىپ ۋە ئىلغار شەخسلەرگە ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى، پىلانلىق تۇغۇت جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرى، پىدائىيلىرى، خىزمەتچىلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: نوپۇس مەسىلىسى ئېلىمىز باشتىن-ئاخىر دۇچ كېلىۋاتقان ئومۇميۈزلۈك، ئۇزاق مەزگىللىك، ئىستراتېگىيەلىك مەسىلە. كەلگۈسى خېلى ئۇزاق ۋاقىتقىچە، ئېلىمىزنىڭ نوپۇسى كۆپ بولۇشتەك ئاساسىي دۆلەت ئەھۋالى تۈپتىن ئۆزگەرمەيدۇ، نوپۇسنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا كۆرسەتكەن تەسىرى تۈپتىن ئۆزگەرمەيدۇ، نوپۇس بىلەن بايلىق، مۇھىت ئارىسىدىكى كەسكىن مۇناسىۋەت تۈپتىن ئۆزگەرمەيدۇ، شۇڭا پىلانلىق تۇغۇت تۈپ دۆلەت سىياسىتىدە چوقۇم ئۇزاق مەزگىل چىڭ تۇرۇش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كۆپ يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو پىلانلىق تۇغۇت جەمئىيىتى ئالاھىدە ئۈنۈملۈك خىزمەتلەرنى ئىشلەپ، ئېلىمىزنىڭ پىلانلىق تۇغۇت ئىشلىرىغا پائال تۆھپە قوشتى. جۇڭگو پىلانلىق تۇغۇت جەمئىيىتىنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن ۋەزىپىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، ئاممىنى ئېلىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى تۇغۇت سىياسىتىنى تەڭشەپ مۇكەممەللەشتۈرۈشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى توغرا چۈشىنىشكە يېتەكلەپ، تەشۋىق-تەربىيە، جىنسىي ساغلاملىق مەسلىھەت مۇلازىمىتى، ساغلام تۇغۇش، ئوبدان بېقىشقا يېتەكلەش، پىلانلىق تۇغۇت ئائىلىلىرىنى يۆلەش، ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش ۋە كۆچمە نوپۇس مۇلازىمىتى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىنى؛ ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت جەمئىيىتىنىڭ تەشكىللەش رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، پىلانلىق تۇغۇتتىن ئىبارەت ئاساسىي دۆلەت سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نوپۇسنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك تەكشى تەرەققىياتى ۋە ئائىلىلەرنىڭ ئىناق، بەختلىك بولىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش كۈرەش نىشانى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ يېڭى تۆھپىلەرنى قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر