- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئامېرىكا بېرمىغا قاراتقان قىسمەن جازا تەدبىرلىرىنى بوشاتقانلىقىنى جاكارلىدى
2016.05.18 16:19 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
بېرمىنىڭ سىياسىي ئۆتكۈنچى ئىسلاھاتى ۋە ئىقتىسادى تەرەققىياتىنى قوللاش ھەمدە ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد سودا ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ بېرمىغا قاراتقان قىسمەن جازا تەدبىرلىرىنى بوشاتقانلىقىنى جاكارلىدى.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئامېرىكا بېرمىلىق شەخسلەر ياكى كارخانىلار كونترول قىلىپ تۇرۇۋاتقان ئالتە شىركەتنى جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈپ، ئالاھىدە بېكىتىلگەن شەخس، ئەمەلىي گەۋدە قاتارلىقلارغا بولغان بېسىمنى ساقلايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
شۇ كۈنى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما پارلامېنتقا خەت يېزىپ، 1997-يىلى يولغا قويۇلغان بېرمىغا قارىتىلغان « دۆلەت جىددىي لايىھە قانۇنى»نى بىر يىل ئۇزارتىشنى قارار قىلدى. بۇ قانۇن لايىھەسى ئامېرىكا كارخانىسى ۋە شەخسلەرنىڭ ئالاھىدە بەلگىلەنگەن بېرمىلىق شەخسلەر بىلەن مەبلەغ سېلىش ياكى باردى كەلدىسىنى چەكلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر