باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سۇرىيەدە ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇش توختىتىش مەسىلىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇزاكىرە قىلىندى

2016.05.18 16:18         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سۇرىيەنى خەلقئارالىق قوللاش گۇرۇپپىسىنىڭ بەشىنچى قېتىملىق دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنى تۈنۈگۈن ۋېنادا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا سۇرىيەدە ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇش توختىتىش، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بېرىش ھەمدە سىياسىي ئۆتكۈنچى مۇساپىغا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى.

  يىغىندا ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: سۇرىيەنى خەلقئارالىق قوللاش گۇرۇپپىسى سۇرىيەدىكى دۈشمەنلىشىش ھەرىكەتلىرىنى توختىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا قەتئىي تىرىشىپ، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىنىڭ تولۇق، سىجىل ھالدا سۇرىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا كىرىشى ، سىياسىي ئۆتكۈنچى مۇساپىدە ئىلگىرىلەشكە ئېرىشىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

  جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ سۇرىيە مەسىلىسى ئالاھىدە ئەلچىسى شې شياۋيەن بۇ قېتىمقى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنىغا قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر