باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تۈركىيە زۇڭتۇڭى بارلىق زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، چېگرا رايوننىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، دېدى

2016.05.18 15:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىنقى مەزگىلدە، تۈركىيەنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى ئىنتايىن كەسكىن بولماقتا.

  سۈرەتتە: 1-ماي، تۈركىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبى قىسمىدىكى گازىئانتەپ ئۆلكىلىك ساقچى ئىدارىسى ئەتراپىدا يۈز بەرگەن ئاپتوموبىل بومبا خاراكتېرىدىكى ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى.

  16-ماي كېچىدە، تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرى مالتەپ رايونىدىكى بىر ئاسما كۆۋرۈك ئاستىدا پارتلىتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، تۆت ئادەم يارىلاندى.

  تۈركىيە ئەنقەرە ئاگېنتلىقىنىڭ 16-مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، تۈركىيە دۆلەت ئاخبارات مەھكىمىسى ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، بەزى تېررورچىلارنىڭ تۈركىيە چېگراسىدىن ئوغرىلىقچە كىرىپ، تۈركىيەنىڭ ئاساسلىق شەھەرلىرىدە تېررورلۇق ھۇجۇم ۋەقەسى پەيدا قىلماقچى بولغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ نۇقتىلىق نىشانى پايتەخت ئەنقەرەدىكى ئاتاتۈرك مەقبەرىسى مۇزېيى ۋە ئامېرىكىنىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى قاتارلىق جايلار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. شۇ جايدىكى ئاخبارات ۋاسىتىسىى بولغان «سەھەر كۈندىلىك گېزىتى»دە دېيىلىشىچە، بۇ ئاگاھلاندۇرۇش تۈركىيەدىكى 81 ئۆلكە دەرىجىلىك ساقچى ئىدارىلىرىغا چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، ساقچى تارماقلىرىنىڭ بىخەتەرلىكنى قوغداش تەدبىرىنى كۈچەيتىشى تەلەپ قىلىنغان.

  جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ۋە جۇڭگونىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى ئاگاھلاندۇرۇش چىقىرىپ، يېقىندا جۇڭگو پۇقرالىرى تۈركىيەگە بارغاندا ئېھتىياتچان بولۇپ، تۈركىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبى ۋە تۈركىيە-سۇرىيە چېگرا رايونىغا يېقى جايلارغا ۋاقتىنچە بارماسلىقنى، تۈركىيەدىكى جۇڭگو پۇقرالىرى ۋە ئاپپاراتلارنىڭ يۈكسەك دەرىجىدە ھۇشيارلىقنى كۈچەيتىپ، بىخەتەرلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تاقابىل تۇرۇش تەييارلىقىنى پۇختا ئىشلەپ، ئادەم توپلاشقان جايلارغا بارماسلىقنى ئەسكەرتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر