باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جۇڭگو مۇخبىرلار جەمئىيىتى ئاخبارات چاي سۆھبىتى ئۆتكۈزۈپ، «شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى» ھەققىدە دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى مۇخبىرلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى

2016.05.19 15:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو مۇخبىرلار جەمئىيىتى 18-ماي بېيجىڭدا 90-قېتىملىق چاي سۆھبىتى ئۆتكۈزۈپ، شىنجاڭ مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسى، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ سابىق باشلىقى ۋۇ فۇخۇەننى «شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى» تېمىسىدا دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى مۇخبىرلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە سوئاللارغا جاۋاب بېرىشكە تەكلىپ قىلدى.

  ۋۇ فۇخۇەن 60 يىلدىن بۇيان شىنجاڭلىقلارنىڭ كىيىم-كېچەك، يېمەك-ئىچمەك، تۇرالغۇ، قاتناش، مائارىپ ۋە داۋالىنىش قاتارلىق ئالتە جەھەتتىكى ئۆزگىرىش ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى تونۇشتۇردى. شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر، دىن ئىشلىرىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە سورالغان سوئالغا جاۋاب بەرگەندە، ۋۇ فۇخۇەن مۇنداق دېدى: «تارىختا ئورتاق تۇرمۇش كەچۈرۈش، ئورتاق ئېچىپ تەرەققىي قىلدۇرۇش سەۋەبلىك، ھەر مىللەت خەلقى بىرگە ياشىغان، ئىقتىسادىي تۇرمۇش ئۇلارنى ئايرىلالمايدىغان ھالەتتە باغلىغان، شىنجاڭدىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتى ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا ئىناق، مۇقىم، دېيىشكە بولىدۇ».

  شىنجاڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» ئىستراتېگىيەلىك پۇرسىتىنى قانداق تۇتىدۇ، دېگەن مەسىلىگە قارىتا، ۋۇ فۇخۇەن شىنجاڭ ئالدى بىلەن ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ يۈرۈشۈشىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك. مەسىلەن، تۆمۈر يول، تاشيول، ھاۋا قاتنىشى، تۇرۇببىلىق يۆتكەش قاتارلىق جەھەتلەردە شىنجاڭدىن شەرق-غەرب ئىككى تەرەپكە بولغان ئۆتۈشۈش ۋە جەنۇب-شىمالغا ئۇلىنىشنى كۈچەيتىش؛ ئىككىنچىدىن، دۆلەت ۋە يەرلىك ھۆكۈمەت قاتلىمىدا ئەتراپتىكى مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەر بىلەن قانۇن، باج تۈزۈمى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سىياسەت جەھەتتىكى سۆزلىشىشنى كۈچەيتىپ، ياخشى بولغان قاتتىق-يۇمشاق مۇھىت بەرپا قىلىشى كېرەك؛ ئۈچىنچىدىن، كارخانىلار يېپەك يولىدىن ئىبارەت بۇ سۇپىدىن پايدىلىنىپ ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا، ھەتتا ياۋروپاغا يۈزلىنىشى كېرەك، دەپ قارىدى.

  ۋۇ فۇخۇەن يەنە شىنجاڭنىڭ قوش تىل مائارىپى، ئىشقا ئورۇنلىشىش قاتارلىق مەسىلىلەردە مۇخبىرلارنىڭ سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرلىرى، جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىلارنىڭ ئاخبارات ئەمەلدارلىرى، شياڭگاڭ-ئاۋمېن-تەيۋەن مۇخبىرلىرى ۋە دۆلىتىمىز مۇخبىرلىرى بۇ پائالىيەتكە قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى:ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر