خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە -17ماي چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەنلەر خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى، شى جىنپىڭ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تەرەققىي قىلغان تەبىئىي پەن، گۈللەنگەن پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەن بولمىغان دۆلەت دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدا ماڭالمايدۇ. جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەنلەر مىسىلسىز مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ، پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەنلەر خىزمىتىنى قىلغۇچىلار مىسىلسىز مۇھىم رول ئوينايدۇ. جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن جەزمەن پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەنلەرگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەنلەرنى تېزدىن بەرپا قىلىش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھازىرقى زامان جۇڭگونىڭ پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەنلىرىنى كۈزىتىش ئۈچۈن نەزەر دائىرە كەڭ بولۇش، شۇنىڭدەك ئۇنى دۇنيا ۋە ئېلىمىزنىڭ تەرەققىيات تارىخىغا قويۇپ قاراش كېرەك. ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ ھەر قېتىملىق چوڭ ھالقىشى ۋە ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ ھەر قېتىملىق زور ئىلگىرلىشىنى پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەنلەرنىڭ بىلىم ئىسلاھاتى ۋە ئىدىيەۋى يېتەكچىلىكىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. ھازىر ئېلىمىزنىڭ پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەنلەر سېستىمىسى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىپ، تەتقىقات قوشۇنى ئۈزلۈكسىز زورايدى، تەتقىقات سەۋىيەسى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز ئاشتى، ماركىسىزملىق نەزەرىيە تەتقىقات ۋە قۇرۇلۇش ئىشلىرىدا مول نەتىجىلەر قولغا كەلدى. پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەنلەر خىزمەتچىلىرى ماركىسىزمنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئېلىمىزنىڭ تەرەققىياتى ۋە پارتىيەمىزنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىدە دۇچ كەلگەن زور نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ ۋە ئۇنىڭغا جاۋاپ بېرىپ، زور بىر تۈركۈم مۇھىم ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشۇشى كېرەك.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى