باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

دۆلەت ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى تۈزۈمىدىكى مەكتەپلەر قۇرۇلۇشى ئۈچۈن 240 مىليون يۈەن ئاجراتتى

2016.05.16 14:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، دۆلەت يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىغا 2016- يىللىق مەركەز خامچوتى ئىچىدىكى مەبلەغ پىلانىنى چۈشۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى تۈزۈمىدىكى مەكتەپلەرنى قوللاش ئۈچۈن 240 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجراتقان. بۇ تۈر ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەن قاتارلىق 11 ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)، 18 ناھىيە (شەھەر)دىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى 19 مەكتەپكە چېتىلىدىغان بولۇپ، ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى 92 مىڭ 714 كىۋادرات مېتىرغا، تەنتەربىيە مەيدانلىرىنىڭ كۆلىمى 120 مىڭ 500 كىۋادرات مېتىرغا يېتىدۇ. ناھىيە بازىرىدىن تۆۋەن (ناھىيە بازىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) مۇستەقىل ئىشتاتلىق دۆلەت باشقۇرۇشىدىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى تۈزۈمىدىكى مەكتەپلەر ئاساسلىق ياردەم بېرىش ئوبيېكتى قىلىنىدۇ.

  قۇرۇلۇش ئاساسلىقى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلار ياتىقى، ئاشخانا، ھاجەتخانا، مۇنچا، تەنتەربىيە مەيدانى قاتارلىق ئوقۇتۇش ۋە تۇرمۇش ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ تۈر پۈتكەندىن كېيىن، مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش ۋە تۇرمۇش ئەسلىھەلىرى يەنىمۇ ياخشىلىنىپ، تەنتەربىيە مەيدانى كەمچىل بولۇش ھالىتى ئۆزگەرتىلىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى تۈزۈمىدىكى يېزا مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇتۇش ئېھتىياجى يەنىمۇ قاندۇرۇلۇپ، ئوقۇتۇش سۈپىتى ئۆستۈرۈلىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى چۈشۈرۈلگەن مەبلەغ پىلانىنى رايونلارغا تەقسىملەپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2016- يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى تۈزۈمىدىكى مەكتەپلەر قۇرۇلۇشىنى ئىمكانقەدەر تېز باشلايدۇ ھەم ئاساسىي قۇرۇلۇش تەرتىپىگە ئاساسەن تۈر قۇرۇلۇشىنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مەركەزنىڭ خامچوت ئىچىدىكى مەبلىغىنى ئۈنۈملۈك ئىشلىتىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر