خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 15-ماي، «جۇڭگو ئارزۇسى . يىپەك يولى مېھرى» شىنجاڭ رەسساملار يۇرتى گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى ئاپتونوم رايونلۇق مۇزىيدا باشلاندى.بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىدە جۇڭگوچە رەسىم، ماي بوياق رەسىم، ئويما رەسىم قاتارلىق تۈرلەردىن 85 پارچە ئەسەر بار بولۇپ، شىنجاڭ رەسساملار يۇرتىنىڭ يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيانقى بەدىئىي ئىجادىيەت نەتىجىلىرىگە بولغان بىر قېتىملىق باسقۇچ خاراكتېرلىك خۇلاسىلىشى ھېسابلىنىدۇ.
ئەسەرلەردىن جاڭ لېي جېننىڭ «شامالدىكى يارغول»، «ئەڭ ئاخىرقى كەنت» (ماي بوياق رەسىم)؛ يالقۇن غازىنىڭ «يالقۇنتاغ» (ماي بوياق رەسىم) ؛ بەي گاڭنىڭ «پېشايۋاندىكى مەنزىرىلەر» ( ماي بوياق رەسىم) قاتارلىقلار بار. بۇ ئەسەرلەردە مەيلى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ قىياپىتى ۋە مەدەنىيەت ئەنئەنىسى ئىپادىلەنگەن بولسۇن ياكى ھەيۋەتلىك تەبىئەت مەنزىرىلىرى ۋە شۇنىڭدەك تارىخ ئىزنالىرى تەسۋىرلەنگەن بولسۇن، قىممەتلىك سىناق ۋە ئىزدىنىش روھىغا ئىگە.
ئىگىلىنىشىچە، كۆرگەزمىگە قاتناشقان ھەر بىر رەسسامنىڭ كۆرگەزمىگە قاتناشتۇرۇلغان ئەسىرى ئىچىدىن بىر پارچە ئەسىرى تاللىنىپ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نامرات جايلارغا ئىئانە قىلىنىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمىتىگە تۈرتكە بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە تەرەققىيات ئىشلىرى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشىدىكەن.
بۇ قېتىمقى كۆرگەزمە 25 -ماي ئاخىرلىشىدىغان بولۇپ، شەھەر ئاھالىلىرى ھەقسىز ئېكىسكۇرسىيە قىلسا بولىدىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى