باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىشتات بېرىلمىگەن ئورۇنلارغا 65 ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىدۇ، مائاشى 4~5 مىڭ يۈەنگىچە بولىدۇ

2016.05.12 14:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى 2016-يىلى جەمئىيەتكە يۈزلىنىپ، 27 دوكتور ئۇنۋانى بار مەخسۇس ئوقۇتقۇچى، ئىشتات بېرىلمىگەن ئورۇنلارغا 65 ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىدىغانلىقى، بۇ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاشى 4000 يۈەندىن 5000 يۈەنگىچە بولىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى.

  27 دوكتور مەخسۇس ئوقۇتقۇچىنى ئاشكارا قوبۇل قىلىش خىزمىتىدە، تەكلىپ قىلىنىدىغانلار ئېلان قىلىنغان ئىش ئورنى ۋە سالاھىيەت شەرتىگە ئۇيغۇن بولۇشى لازىم. يەنى تىزىملاش ۋە سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش، يۈز تۇرانە ئىمتىھان (ئېغىزچە ئىمتىھان)، سالامەتلىك تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈش، ئېلان چىقىرىش، تەكلىپ بىلەن ئىشلىتىش رەسمىيىتىنى ئۆتەش قاتارلىق باسقۇچ بويىچە يولغا قويۇلىدۇ. شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى مەكتەپ ئىچى تورى (www.xjnu.edu.cn ) ۋە شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىختىساسلىقلارنى تەكلىپ قىلىش سىستېمىسى (http://zhaopin.xjnu.edu.cn/zpsys/ ) دە تەكلىپ قىلىش ئېلانى، ئىش ئورنى، سالاھىيەت شەرتى ۋە قوبۇل قىلىش تەرتىپىنى ئېلان قىلىندى.

  بۇ قېتىمقى تىزىمغا ئالدۇرۇشتا توردا تىزىملىتىش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ، ئىمتىھانغا تىزىملاتقۇچى تەكلىپ قىلىنغان بەلگىلەنگەن ئىش ئورنى دائىرىسى، ئوبيېكتى، شەرتى، تىزىملىتىش تەرتىپى، مۇناسىۋەتلىك سىياسەت ۋە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئېنىقلاپ، ئاندىن ئىمتىھانغا قاتنىشىش شەرتىگە پۈتۈنلەي ئۇيغۇن كىلىدىغان ئىش ئورنىنى تاللاپ تىزىمغا ئالدۇرسا بولىدۇ. ئىمتىھانغا تىزىملاتقۇچى پەقەت بىرلا ئورۇن تاللايدۇ، تىزىمغا ئالدۇرغاندا ئىشلەتكەن سالاھىيەت ئۇچۇرلىرى ئىمتىھان بېرىدىغاندا ئىشلىتىدىغان سالاھىيەت ئۇچۇرلىرى بىلەن چوقۇم بىردەك بولۇشى كېرەك، (يۈز تۇرا ئىمتىھاندا كىنىشكىنىڭ ئەسلىي نۇسخىسى قايتا تەكشۈرۈلىدۇ). توردا تىزىملىتىش ۋاقتى 18-مايغىچە. ئەسكەرتمە: 10-مايدىن بۇرۇن تور سىستېمىسىغا چىقىپ تىزىمغا ئالدۇرسا، ئىناۋەتسىز بولىدۇ .

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە ئىشتات بېرىلمىگەن ئورۇنلارغا 65 ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ، خەنزۇ تىلى، ئىنگلىز تىلى، كومپيۇتېر ئوقۇتقۇچىسى ئىش ئورنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئوقۇتۇش ئورنىنىڭ ئىش ھەققى ئاساسىي ئىش ھەققى، نەتىجە-ئۈنۈم ئىش ھەققى ۋە باشقا قوشۇمچە ياردەم پۇلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئوقۇتۇش ئورنىنىڭ ئاساسىي ئىش ھەققى ئايدا 2800 يۈەن (شەخسلەر تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، مەكتەپ خىزمەت ۋەزىپىسى سەۋەبىدىن ئۈنۈم مائاشى بىلەن باشقا قوشۇمچە ياردەم پۇلىنى باشقا ھېسابلايدۇ، ھەر ئايدا جەمئىي 4000 يۈەندىن 5000 يۈەنگىچە بولىدۇ. ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتنىشىشنى ئىدارە بىر تۇتاش تەشكىللەيدۇ. تىزىمغا ئالدۇرۇش 2016-يىلى 17-مايغىچە بولىدۇ (يەكشەنبە كۈنلىرى دەم ئالمايدۇ)، چۈشتىن بۇرۇن: 10:00دىن 13:00 غىچە (بېيجىڭ ۋاقتى)، چۈشتىن كېيىن 15:30دىن 18:30 غىچە (بېيجىڭ ۋاقتى)، مۆھلىتى ئۆتكەندىن كېيىن تىزىمغا ئېلىنمايدۇ. تىزىمغا ئالدۇرۇش ئورنى: شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ۋېنگۇاڭ مەكتەپ رايونى (شەرقىي قەشقەر يولى 16-نومۇر ) 2 - نومۇرلۇق ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ 3 - قەۋەتتىكى ئىنستىتۇت ئىشخانىسى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر