خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9-ماي، قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدە، كىشىلەر يامغۇرغا قارىماي، پانفىلوف ئەزىمەتلەر خاتىرە ئابىدىسىگە گۈل قويماقتا. شۇ كۈنى كىشىلەر قازاقىستاننىڭ جەنۇبىدىكى شەھەر ئالمۇتادىكى پانفىلوف ئەزىمەتلەر باغچىسىدا فاشىستلارغا قارشى ئۇرۇش غەلبىسىنىڭ 71 يىللىقىنى تەبرىكلىدى. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، قازاقىستان سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ باشقا ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن بىرگە فاشىستلارغا قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان، قازاقىستاننىڭ 1 مىليون 200 مىڭ كوماندىر-جەڭچىسى ئۇرۇشقا قاتنىشىپ، ئاران 600 مىڭ كىشى ھايات قالغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى