باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى قاتارلىق ئورۇنلار خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ شاۋدوڭدا يۈر بەرگەن دوختۇرلارنى زەخىملەندۈرۈش ۋەقەسىدىكى ئالاقىدار كىشىلەرنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاشنى تەلەپ قىلدى

2016.05.19 14:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى ھۆكۈمەت تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگەن ئاساسلانغاندا، دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى شاۋدوڭ ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىدا يۈز بەرگەن دوختۇرلارنى زەخىملەندۈرۈش ۋەقەسىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، زىيانلانغۇچى دوختۇر ۋاڭ جۈنگە چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرگەن، ئۇنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىدىن ھال سورىغان.

  2016-يىلى 5-ئاينىڭ 18-كۈنى سائەت 13 دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە، خۇنەن ئۆلكىسى شاۋدوڭ ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسى بەش ئەزا بۆلۈمىنىڭ دوختۇرى ۋاڭ جۈن كېسەل كۆرۈۋاتقاندا، بىمارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ئۇنى ئۇرۇپ ئېغىر زەخىملەندۈرگەن. ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى بۇ ئىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، دوختۇر ۋاڭ جۈننى پۈتۈن كۈچى بىلەن قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلدى. خۇنەن ئۆلكىسى ﻣﯘﺗﻪﺧﻪسسىسلەرنى تەشكىللەپ پۈتۈن كۈچى بىلەن قۇتقۇزغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ يارىسى بەك ئېغىر بولغانلىقتىن، 18-ماي سائەت 17دىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە بۇ دۇنيادىن ئايرىلدى. نۆۋەتتە، شۇ جايدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئىككى جىنايەت گۇماندارىنى قولغا ئالدى، يەنە بىر جىنايەت گۇماندارى ئۆزىنى مەلۇم قىلدى، دېلو يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈلمەكتە.

  دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى: بۇ، خاراكتېرى ئىنتايىن يامان بولغان جىنايى ئىشلار دېلوسى ئىكەنلىكىنى، چوقۇم قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاش كېرەكلىكىنى، ئۆلۈمگە ئامال، ئاغرىققا سەۋەب قىلىشتەك مۇقەددەس بۇرچىنى ئۈستىگە ئالغان داۋالاش ئاپپاراتى ۋە تېببىي خادىملارنىڭ نورمال داۋالاش تەرتىپىنى قەتئىي قوغداپ، تېببىي خادىملارنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى بىلەن بىرلىكتە خىزمەت گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ خۇنەنگە بېرىپ، زىيانلانغۇچى دوختۇرنىڭ ئائىلە- تاۋابىئاتلىرىنى يوقلىدى، دېلونى بېجىرىشكە نەق مەيداندا ھەيدەكچىلىك قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر