باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يەمەن ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى تىنچلىق سۆھبىتىنى يەنە ۋاقىتلىق توختاتتى

2016.05.18 16:19         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يەمەننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئابدۇل مالىك تۈنۈگۈن مۇنۇلارنى جاكارلىدى: يەمەن ھۆكۈمىتى ۋەكىللەر ئۆمىكى قۇسەي قوراللىقلىرى بىلەن ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان تىنچلىق سۆھبىتىدىن ۋاقتىنچە چېكىنىدۇ. بۇ ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ مۇشۇ ئاي ئىچىدە تىنچلىق سۆھبىتىنى ۋاقىتلىق توختىتىشنى ئىككىنچى قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇشى.

  يەمەن ھۆكۈمىتى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى، يەمەننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئابدۇل مالىك باياناتىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئالاھىدە ئەلچىسىنىڭ قۇسەي قوراللىقلىرى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىشتەك بۇنداق قىلمىشىنى توسۇشىنى ھەمدە ئۇلارنىڭ كېيىنكى قېتىملىق تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈلۈشتىن بۇرۇن بۇندىن بۇرۇن ھاسىل قىلىنغان ئورتاق تونۇشلارغا كاپالەتلىك قىلىشىنى تەلەپ قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: قۇسەي قوراللىقلىرى ھەمدە سابىق زۇڭتۇڭ سالىھ دائىرىلىرى بۇندىن بۇرۇن ھاسىل قىلىنغان ئورتاق تونۇشلارنى ئىنكار قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ قانۇنلۇقلىقىنى ئېتىراپ قىلىشقا ئۇنىماي تىنچلىق سۆھبىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر