باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى: مۇھىم قارارلاردا سەۋەنلىك ئۆتكۈزگەن ئالاقىدار پارتگۇرۇپپا ئەزالىرىنىڭ جاۋابكارلىقى ئۆمۈر بويى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ

2016.05.19 13:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 18-ماي ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىن ئۇقۇشىچە، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى يېقىندا «ج ك پ ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ خىزمەت قائىدىسى (سىناق نۇسخىسى)»نى تارقاتقان. بۇنىڭدا ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇھىم قارارلىرىدا سەۋەنلىك كۆرۈلسە، قارار چىقىرىشقا قاتناشقان ئالاقىدار پارتگۇرۇپپا ئەزالىرىنىڭ جاۋابكارلىقىنىڭ ئۆمۈر بويى سۈرۈشتۈرۈلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

  خىزمەت قائىدىسىدە مۇنۇلار بەلگىلەندى: ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلىيەت دائىرىسىغا تەۋە ئىشلارنى ئاز سانلىقلار كۆپ سانلىقلارغا بويسۇنۇش پرىنسىپى بويىچە، پارتگۇرۇپپا ئەزالىرى كوللېكتىپ مۇزاكىرىلىشىپ قارار قىلىدۇ، ھەر قانداق شەخس ياكى ئاز سانلىقلارنىڭ قارار چىقىرىش ھوقۇقى بولمايدۇ.

  شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خىزمەت قائىدىسىدە جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشنىڭ توققۇز خىل ئەھۋالى كۆرسىتىلىپ مۇنۇلار تەكىتلەندى: قائىدىگە كوللېكتىپ خىلاپلىق قىلىش قىلمىشى ياكى باشقا پارتگۇرۇپپا ئەزالىرىنىڭ قائىدىگە ئېغىر خىلاپلىق قىلىش قىلمىشىدا چوڭ سەۋەنلىك كۆرۈلسە، پارتگۇرۇپپا شۇجىسى ئالاقىدار جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ پارتگۇرۇپپا مۇھىم قارارلاردا سەۋەنلىك ئۆتكۈزسە، قارار چىقىرىشقا قاتناشقان ئالاقىدار پارتگۇرۇپپا ئەزالىرىنىڭ جاۋابكارلىقى ئۆمۈر بويى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ؛ پارتگۇرۇپپا يىغىنىدا چىقىرىلغان قارارلارنى ئۆز ئالدىغا ئۆزگەرتكەن ياكى قەستەن كېچىكتۈرگەن، ئىجرا قىلىشنى رەت قىلغانلارنىڭ جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر