باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلىتىمىزدە %85 مۇزېي ھەقسىز ئېچىۋېتىلدى

ھەر يىلى تەخمىنەن 700 مىليون ئادەم قېتىم ئېكىسكۇرسىيە قىلىدۇ

2016.05.19 15:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يىل 5-ئاينىڭ 18-كۈنى 40-نۆۋەتلىك خەلقئارا مۇزېي كۈنى. دۆلەت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ليۇ يۈجۇ شۇ كۈنى ئىچكى موڭغۇل مۇزېيىدا ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو ئۆز مەيدان پائالىيىتىدە ئاشكارىلىشىچە، 2015-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە تىزىملانغان مۇزىيلارنىڭ سانى 4692گە يەتكەن، جەمئىي 4013 مۇزېي جەمئىيەتكە ھەقسىز ئېچىۋېتىلگەن بولۇپ، ئومۇمىي ساننىڭ %85.5نى ئىگىلىگەن.

  نۆۋەتتە، مەملىكەت بويىچە مۇزېيلاردا ھەر يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان كۆرگەزمىلەر 20دىن ئاشىدىغان بولۇپ، زىيارەت قىلىدىغانلار سانى تەخمىنەن 700 مىليون ئادەم قېتىمغا يېتىپ، بىر يىلدا 200 مىڭ قېتىملىق تەربىيە پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى، ھەر يىلى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ چېگرادىن كىرىپ-چىقىپ ئالماشتۇرۇش كۆرگەزمە پائالىيىتى 100گە يەتتى. ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مۇزىي ئارقىلىق ئۆگىنىدىغان ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۈنۈم بېرىش مېخانىزمى تەدرىجىي قۇرۇلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى:ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر