باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

لى كېچياڭ گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

2016.05.19 10:29         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ تۈنۈگۈن گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، سودا تۈزۈمى ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىشقا پايدىلىق بازار مۇھىتى يارىتىشنى بېكىتتى؛ ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قۇرۇلمىنى تەڭشەپ، كارخانىلارنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ رىقابەت كۈچى، سۈپەت ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇشنى ئورۇنلاشتۇردى.

  يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى قويۇپ بېرىش-تەمىنلەش جەھەتتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنىڭ مۇھىم مەزمۇنى بولۇپ، ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ھەممە يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق. كېيىنكى قەدەمدە، بىرىنچىدىن، سودا-سانائەتتە تىزىملاشتا ئالدىن تەستىقلىنىدىغان تۈرلەرنى داۋاملىق ئازايتىپ، تىجارەت ئىجازەتنامىسى بىلەن تىجارەت گۇۋاھنامىسىنى ئايرىش سىنىقىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش؛ كارخانىلاردا ئۈچ گۇۋاھنامىنى بىرگە ئۆزگەرتىشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش ئاساسىدا، بەش گۇۋاھنامىنى بىرگە ئۆزگەرتىش، بىر گۇۋاھنامە، بىر ۋاكالەت نومۇرى تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، ئىگىلىك تىكلەش ئىجازىتىنىڭ تۈزۈم خاراكتېرلىك تەننەرخىنى ئازايتىش كېرەك. ئىككىنچىدىن، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئازايتىش جەريانىدا، بۆلۈنگەن خادىملارنىڭ مۇستەقىل ئىگىلىك تىكلىشىنى قوللاپ، ئىگىلىك تىكلەشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش نىسبىتىنى تېخىمۇ ئۆستۈرۈش لازىم. ئۈچىنچىدىن، ئۈچ گۇۋاھنامىنى بىرگە ئۆزگەرتىشنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، يەككە تىجارەتچىلەرنىڭ تىجارەت گۇۋاھنامىسى بىلەن باج تىزىملاش كىنىشكىسىنى تېخىمۇ بىرىكتۈرۈپ، بىرلا جەدۋەل توشقۇزۇش، بىرلا كۆزنەككە ماتېرىيالنى بىراقلا تاپشۇرۇش، يەنى سودا-سانائەت ۋە باج تىزىملاش رەسمىيىتىنى بىراقلا بېجىرىش كېرەك. تۆتىنچىدىن، ئادىل تىجارەت مۇھىتى يارىتىپ، بازاردىن چېكىنىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ بازارنىڭ ئاساسلىق ھېسابتىن چىقىرىۋېتىش تەرتىپىنى تېخىمۇ ئاددىيلاشتۇرۇپ، بازارنىڭ جانلىقلىقىنى ئۆستۈرۈش لازىم.

  يىغىندا مۇنداق دەپ ھېسابلاندى: ئۇزۇندىن بۇيان، مەركەز كارخانىلىرى خەلق ئىگىلىكى ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىغا مۇھىم تۆھپە قوشتى. نۆۋەتتە كارخانىلاردا ساقلىنىۋاتقان ئاساسىي كەسىپ كۈچلۈك بولماسلىق، ئىشتات ئارتۇق، ئۈنۈم تۆۋەن بولۇش، بولۇپمۇ باشقۇرۇش ۋە قانۇنىي ئىگە قاتلىمى كۆپ، بالا كارخانا كۆپ، كېلەڭسىز بولۇش قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەر ھەققىدە يىغىندا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: 1-مەركەز كارخانىلىرىنى ئاساسىي كەسىپنى سەرخىللاشتۇرۇشقا يېتەكلەپ ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى تېرىشىپ ئۆستۈرۈش؛ پولات-تۆمۈر، كۆمۈر قاتارلىق كەسىپلەردىكى مەركەز كارخانىلىرىنىڭ قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى چىڭ تۇتۇپ شاللاش؛ ئاساسىي كەسىپتىن باشقا مۈلۈكلەرنى تەرتىپلىك ئۆتۈنۈپ بېرىپ ۋە چېكىندۈرۈپ، داۋاملاشما زىيان، ئاساسلىق كەسىپتىن باشقا ئىشلار بىلەن شۇغۇللانغان كارخانىلارنىڭ خىزمەتچى ئومۇمىي سانىنى تىزگىنلەپ، باشقۇرۇش تارماقلىرى ۋە خىزمەتچىلەرنى ئىخچاملاش كېرەك. 2-يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق، رىقابەت كۈچىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، يېڭى ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش؛ ئىنتېرنېت قوشۇلغان ھەرىكەت ۋە چوڭ سانلىق مەلۇمات تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، كەسىپنىڭ ئىلغار سەۋىيەسى ۋە مەھسۇلاتنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئۆزلۈكسىز ئۆستۈرۈش لازىم. 3-باشقۇرۇش قاتلىمىنى قىسقارتىپ، ئۈچ يىل ئىچىدە نۇرغۇن مەركەز كارخانىلىرىنىڭ باشقۇرۇش قاتلىمىنى نۆۋەتتىكى بەشتىن توققۇزغىچە بولغان قاتلامدىن ئۈچتىن تۆتكىچە بولغان قاتلامغا چۈشۈرۈش، قانۇنىي ئىگە ئورۇنلىرىنى %20 ئەتراپىدا قىسقارتىش؛ نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى يېڭىلاپ، دۆلەت مۈلۈكىنىڭ ئېقىپ كېتىشىدىن قاتتىق ساقلىنىش كېرەك. 4-تەننەرخنى تېخىمۇ ئازايتىپ، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈش؛ بۇ يىل ۋە كېلەر يىلى تەننەرخنى ئازايتىپ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشتا يۈز مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغنى قولغا كەلتۈرۈش؛ مەركەز كارخانىلىرىنىڭ سۈپەت ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشقا تۈرتكە بولۇش لازىم.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر