باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى سانائىتىنى مۇقىم ئاشۇرۇش، ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش يېتەكچى پىكرى» چىقىرىلدى

2016.05.19 15:57         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن ئىشخانىسى يېقىندا «قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى سانائىتىنى مۇقىم ئاشۇرۇش، قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش، ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ھەققىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى ئېلان قىلىپ، بۇندىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى سېمونت، تاختا ئەينەك كەسپىدىكى زىيادە ئېشىپ كەتكەن ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئازايتىپ، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى سانائىتىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى كارخانىلىرىنىڭ تەننەرخنى ئازايتىپ، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇپ تەرەققىي قىلىشى ھەققىدە كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇش چىقاردى.

  پىكىردە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق زىيادە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئازايتىش كېرەك. 1-ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى يېڭىدىن كۆپەيتىشنى قاتتىق چەكلەش. 2020-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى كېڭەيتكەن سېمونتلۇق پىششىق ماتېرىيال، تاختا ئەينەك قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى ئارخىپقا ئېلىش ۋە يېڭىدىن قۇرۇشنى قاتتىق چەكلەش. 2-قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى شاللاش. 3-بىرلىشىپ قايتا تەشكىللەشنى ئىلگىرى سۈرۈش. 4-ئېھتىياجغا قاراپ ئىشلەپچىقىرىش، تاختا ئەينەك كەسپىدە ئىشلەپچىقىرىشنى تەلەپچان ھالدا مۇۋاپىق ئازايتىشنى تەشەببۇس قىلىش.

  پىكىردە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: سېمونت مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئالىي ئەينەكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ساپال ۋە فار-فور بۇيۇملارنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، يېڭىچە تام ماتېرىياللىرىنى كېڭەيتىش، يېڭىچە ماتېرىياللارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى سانائىتىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر