باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يىللىق كىشى بېشى ئاساسىي جامائەت ساقلىق ساقلاش مۇلازىمەت خىراجىتى 45 يۈەنگە ئۆستۈرۈلدى

يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن قىسمى ئۇنىۋېرسال دوختۇرلارنىڭ كېلىشىملىك مۇلازىمىتىگە ئىشلىتىلىدۇ

2016.05.19 15:51         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2016- يىللىق ئاساسىي قاتلام ساقلىق ساقلاش خىزمىتى يىغىنى يېقىندا ئۆتكۈزۈلدى. ئىگىلىشىمچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدا ئاساسىي جامائەت ساقلىق ساقلاش مۇلازىمەت خىراجىتى ئۆلچىمى ئەسلىدىكى 40 يۈەندىن 45 يۈەنگە ئۆستۈرۈلگەن، يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن قىسمى ئۇنىۋېرسال دوختۇر(يېزا، كەنت دوختۇرلىرى)لارنىڭ كېلىشىملىك مۇلازىمىتىگە ئىشلىتىلىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاساسىي جامائەت ساقلىق ساقلاش مۇلازىمەت تۈرى خىزمىتىنىڭ سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆسۈپ، دەسلەپكى «تۈزۈم ئورنىتىش»تىن «سۈپەتنى ياخشىلاش، دائىرىسىنى كېڭەيتىش» ئىشقا ئاشۇرۇلغان. «12- بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاساسىي جامائەت ساقلىق ساقلاش مۇلازىمەت تۈرى خىراجىتىگە كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمى ئاساسىي جەھەتتىن ئورنىتىلىپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئاساسىي جامائەت ساقلىق ساقلاش مۇلازىمەت خىراجىتىنىڭ ئۆلچىمى 20 يۈەندىن 40 يۈەنگە ئۆستۈرۈلگەن. مۇلازىمەت مەزمۇنى ئۈزلۈكسىز تولۇقلىنىپ، ئون تۈردىن 12 تۈرگە كۆپەيتىلگەندىن كېيىن، نەپكە ئېرىشكەن ئامما بارغانسېرى كۆپەيگەن. ئاممىنىڭ داۋالىنىش ئىسلاھاتىدىن نەپكە ئېرىشىش تۇيغۇسى يەنىمۇ كۈچەيگەن. ئاساسىي جامائەت ساقلىق ساقلاش مۇلازىمىتىدە كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئاساس قىلىنغان خىزمەت فاڭجېنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، «داۋالاشقا كۈچەش، ئالدىنى ئېلىشقا سەل قاراش»، «داۋالىنىشنى كېسەلدىن مۇداپىئەلىنىش ئادىتىگە ئايلاندۇرۇۋېلىش» ھادىسىسى تۈپتىن ئۆزگەرتىلگەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە- پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئايشەم يۇنۇس تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايون بۇ يىل مەھەللە ساقلىق ساقلاش مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، 2020- يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە ھەر بىر كوچا ئىش باشقارمىسى (تەۋەلىك رايون باشقۇرۇش كومىتېتى)دا بىردىن مەھەللە ساقلىق ساقلاش مۇلازىمەت مەركىزى تەسىس قىلىدۇ؛ ھەر بىر مەھەللىدە بىردىن مەھەللە ساقلىق ساقلاش مۇلازىمەت پونكىتى قۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەھەللىنىڭ ساقلىق ساقلاش مۇلازىمەت فۇنكسىيەسى ۋە ئەندىزىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇنىۋېرسال دوختۇر كوللېكتىپى مۇلازىمىتى ۋە كېلىشىملىك مۇلازىمەتنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئاساسىي قاتلامدا كېلىشىملىك مۇلازىمەتنى كۈچەيتىپ، ئۇنىۋېرسال دوختۇر (يېزا، كەنت دوختۇرلىرى)لارنىڭ كېلىشىملىك مۇلازىمەت مەزمۇنىنى كۆپەيتىپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ، ئاساسىي داۋالىنىش بىلەن ئاساسىي جامائەت ساقلىق ساقلاش مۇلازىمىتىنى قوشۇۋېتىپ، داۋالاش بىلەن ئالدىنى ئېلىشنى بىرلەشتۈرىدۇ. كېلىشىملىك دوختۇرلارنى ئاھالىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئۇلارنى خاس مۇلازىمەت بىلەن، يەنى يۆتكىلىپ داۋالىنىشقا كېلىشىش، ساغلاملىق توغرىسىدا مەسلىھەت بېرىش، نۇقتىلىق كىشىلەرنىڭ ئۆيىگە بېرىپ كېسىلىنى كۆرۈش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەشكە ئىلھاملاندۇرىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر