باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ 844 تۈرلۈك خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈردى

2016.05.19 16:01         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، 2016-يىللىق مەركەز خامچوتىدىن ئۈچ مىليارد 428 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ، مائارىپ، سەھىيە، مەدەنىيەت، ساياھەت، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق، تەنتەربىيە قاتارلىق ساھەلەر بويىچە 18 تۈردىكى 844 خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى قوللىدى.

  «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىيات يىلى» سەپەرۋەرلىك يىغىنىدىكى خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، شىنجاڭنىڭ 7-خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى يىلىنى يولغا قويۇشقا بىرلەشتۈرۈلۈپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى تۈر قۇرۇلۇشلىرىدا ئاساسىي قاتلامغا ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان خەلق تۇرمۇشى ساھەلىرىگە نۇقتىلىق ئېتىبار بېرىلدى.

  بۇ يىل يېزا قوش تىللىق يەسلى تۈرىگە مەركەز خامچوتىدىن بىر مىليارد يۈەن ئاجرىتىلىپ، 12-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەن مەبلەغ ئومۇمىي سوممىسىنىڭ 3.8 ھەسسىسىگە توغرا كەلدى. بۇ مەبلەغ ئاساسلىقى 552 يېزا قوش تىللىق يەسلىسى سېلىشقا ئىشلىتىلىپ، 12-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدىكى قۇرۇلۇش سانىنىڭ ئالتە ھەسسىگە توغرا كېلىپ، ئون ۋىلايەت، ئوبلاست، 60 ناھىيە، شەھەرنى قاپلىدى، بۇ تۈرلەر پۈتكەندىن كېيىن، 74 مىڭ 790 بالىنىڭ يەسلىگە كىرىش مەسىلىسى ھەل قىلىنىشى مۇمكىن.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: يېزا قوش تىللىق يەسلى تۈرى دۆلەتنىڭ ئورتاق تىل-يېزىقىنى ئاپتونوم رايوندا ئۆگىنىش، ئومۇملاشتۇرۇشقا يەنىمۇ تۈرتكە بولۇپ، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ تىل ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ھەر قايسى مىللەت بالىلىرىنىڭ ئىدىيە-ئەخلاق سەۋىيەسى، پەن-مەدەنىيەت ساپاسى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئېڭىنى ئۆستۈرىدۇ.

  بۇ يىل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مەركەز مەبلىغىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مائارىپ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى قوللايدۇ، يەنە مەجبۇرىيەت مائارىپى مەكتەپلىرى سېلىش، كەسپىي مائارىپتا ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنى بىرلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى ۋە چەت-يىراق، جاپالىق جايلاردىكى يېزا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئايلاندۇرۇپ تۇرىدىغان ياتاق تۈرى ئارقىلىق، تۈرلۈك مائارىپ ئورگانلىرىنىڭ ئوقۇتۇش شارائىتىنى يەنىمۇ ياخشىلايدۇ.

  بۇندىن باشقا، سەھىيە جەھەتتە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مەركەزنىڭ 630 مىليون يۈەن مەبلىغىنى، مەدەنىيەت، ساياھەت جەھەتتە، مەركەزنىڭ 280 مىليون يۈەن مەبلىغىنى، ئۇللۇق مۇلازىمەت جەھەتتە، مەركەزنىڭ 520 مىليون يۈەن مەبلىغىنى، نامراتلارنى دەل يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل قۇتۇلدۇرۇش جەھەتتە، 2016-يىلى باشقا يەرگە كۆچۈرۈپ نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش مەبلىغىدىن بىر مىليارد 566 مىليون يۈەننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامرات جايلاردىكى نامرات ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن تەدرىجىي قۇتۇلۇپ بېيىشىغا ھەقىقىي ياردەم بېرىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر