باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2016-يىللىق يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنىڭ كەسىپلەر تەرەققىيات مۇنبىرى سانجىدا ئۆتكۈزۈلدى

جاڭ چۈنشيەن جۇ تيېنۇڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى

2016.05.19 15:51         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2016- يىللىق يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنىڭ كەسىپلەر تەرەققىيات مۇنبىرى 18- ماي سانجىدا ئۆتكۈزۈلدى، مۇنبەرگە شىنجاڭنىڭ ئىچى- سىرتىدىن كەلگەن مۇتەخەسسىس، ئالىم، كارخانىچى بولۇپ 300دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن 17- ماي چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچىدە مۇنبەرگە قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى، جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سابىق رەئىسى جۇ تيېنۇڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

  بۇ قېتىمقى مۇنبەرنى جۇڭگو خەلقئارا مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى، شىنجاڭ گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى، جۇڭگو سىياسىي- قانۇن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يېشىل تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى تەتقىقات يۇرتى بىلەن شىنجاڭ «ياجۇڭ» گۇرۇھى بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن بولۇپ، «دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەسى ياراتقان پۇرسەتتىكى تەرەققىيات يولى» مۇنبەرنىڭ باش تېمىسى قىلىندى.

  مۇنبەرگە قاتناشقان ۋەكىللەر شىنجاڭ بىلەن ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ، ھۆكۈمەت بىلەن بازارنىڭ، كارخانا بىلەن كەسىپنىڭ ئۈنۈملۈك ھەمتۈرتكە بولۇشىنى كۈچەيتىشنى چۆرىدەپ، رايون ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، كەسىپلەر تەرەققىيات تەجرىبىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولدى ھەم «بىر مەبلەغ، بىر يول» بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت زور ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، «ئالاقە تورى+» يېڭىلىق يارىتىش تەپەككۇرىدىن پايدىلىنىپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ۋاقتىدا تەڭشەپ، ئىقتىسادنىڭ تىپىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنىڭ كۆپ تەرەپلىمىلىك كېڭىشىش مېخانىزمىنى ئورنىتىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق پايدا ئېلىش جەھەتتە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىندى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر