باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئۈستۈنلىككە ئىگە يېڭى كەسپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلماقتا

2016.05.19 16:02         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئېلىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ئېنېرگيە بايلىقى چوڭ رايونى بولغان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئىلگىرى نېفېت ئاساس قىلىنغان سانائەت ۋە پاختا ئاساس قىلىنغان يېزا ئىگىلىكى ئىقتىسادى تەرەققىياتنى يۆلەيدىغان نەچچە ئون يىللىق كەسىپلەر ئىدى، بۇ خىل كونا، خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى ناچار نۇقۇل كەسىپ سىستېمىسى ھازىر ئاساسەن تارىخ سەھنىسىدىن چېكىندى.

  مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، شىنجاڭ مول ئېنېرگيە، كان مەھسۇلاتى، يېزا ئىگىلىك، باغۋەنچىلىك قاتارلىق ئۈستۈنلىككە ئىگە بايلىقى ۋە غەربي رايوننى ئېچىۋېتىشتىكى جۇغراپىيەلىك ئۈستۈنلىكىگە تايىنىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشى ۋە شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ ياردىمى ئاستىدا، توقۇمىچىلىق، كىيىم كېچەك، جابدۇق ياسىمىچىلىقى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، كۆمۈر، خىمىيە سانائىتى، يېڭى ئېنېرگيە، ساياھەت قاتارلىق نۇرغۇن ئۈستۈنلىككە ئىگە كەسىپ سستېمىسىنى پائال تەرەققى قىلدۇرۇپ، نېفېت سانائىتىنىڭ خوجايىنلىق قېلىپىنى ئۆزگەرتىپلا قالماي، ئىقتىسادى قۇرۇلمىنى تېخىمۇ ساغلاملاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ خىزمەت ئورنى بىلەن تەمىن ئېتىپ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئېلىمىزدىكى ئاساسلىق پاختا ئىشلەپچىقىرىلىدىغان رايون بولۇش سۈپىتى بىلەن داۋاملىق خامماتېرىيال بازىسى بولۇۋېرىشنى خالىمىدى، 12-بەش يىلدىن بېرى ئەلا سۈپەتلىك پاختا بايلىقى، ئېتىبار بېرىش سىياسىتى ۋە رايون ئۈستۈنلىكى قاتارلىقلار ئارقىلىق دۆلەت ئىچىدىكى نۇرغۇن توقۇمىچىلىق، كىيىم كېچەك كارخانلىرىنى تەرەققىيات پۇرسىتىنى غەربى رايوندىن ئىزدەشكە جەلىپ قىلدى، ئۆتكەن يىلى شىنجاڭنىڭ توقۇمىچىلىق كىيىم كېچەك كەسپىدە مۇقىم مۈلۈككە سېلىنغان مەبلەغ 31 مىليارد 790 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %231 ئاشتى، يېڭىدىن كۆپەيگەن توقۇمىچىلىق ،كىيىم كېچەك كارخانلىرى380دىن ئاشتى، يېڭىدىن 97مىڭ كىشى ئىشقا ئورۇنلاشتى، بۇ يىل كۆلەملەشكەن كارخانىدىن يەنە 300نى يېتىلدۈرۈش ، يېڭىدىن 110مىڭ كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانلاندى.

  ئۆتكەن يىلى شىنجاڭدا مۇلازىمەت، ساياھەت ئاساس قىلىنغان ئۈچىنچى كەسىپ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، 420 مىليارد 72 مىليون يۈەن قوشۇلما قىممەت يارىتىلىپ، %12.7 ئاشتى، بۇنىڭ ئىقتىسادقا قوشقان تۆھپىسى %51.1گە يېتىپ، تۇنجى قېتىم ئىككىنچى كەسىپنىڭ ئورنىنى ئېلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىنى ئاشۇرۇشتىكى ئاساسى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچگە ئايلاندى.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتسىاد ئۇچۇر كومىتېتىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ يىل شىنجاڭ يەنە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىش، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش، كەمچىلىكلەرنى تولۇقلاش، ئەنئەنىۋىي كەسىپلەرنى كۈچەپ ياخشىلاپ، دەرىجىسىنى ئاشۇرۇش، ئىستراتېگيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى تەرەققى قىلدۇرۇش، ئېشىندى كەسىپلەرنى ھەل قىلىشنى چۆرىدەپ، نېفىت، خىمىيە، يېنىك سانائەت، توقۇمچىلىق، پولات تۆمۈر قاتارلىق ئەنئەنىۋىي كەسىپلەرگە ئايرىم سىياسەت قوللىنىش مەخسۇس خىزمىتى لايھەسىنى تۈزۈپ، نېفىت، نېفىت خىمىيە، ئاليومىن پىششقلاپ ئىشلەش، ئۈزۈم ھارىقى قاتارلىق كەسىپ سىياسىتىنى چىقىرىپ، تېخىمۇ ساغلام، ئۈستۈنلىككە ئىگە يېڭى سىستېمىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، يېڭىدىن 200 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر