باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى قاتناش ساقچى باش ئەترىتى تۇنجى تۈركۈمدىكى«ئۆمۈر بويى ئاپتوموبىل ھەيدەش چەكلەنگەن»لەر ئىسىملىكىنى ئېلان قىلدى

2016.05.19 16:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 17-ماي، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى قاتناش ساقچى باش ئەترىتى جەمئىيەتكە تۇنجى تۈركۈمدىكى ھاراق ئېچىپ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ھەيدەپ قاتناش ھادىسىسى كەلتۈرۈپ چىقارغان، ئۆمۈر بويى ئاپتوموبىل ھەيدىشى چەكلەنگەنلەرنىڭ ئىسىملىكىنى ئېلان قىلدى. ئېلان قىلىنغان 80 كىشىنىڭ ھەممىسى ھاراق ئېچىپ ياكى مەست ھالەتتە ئاپتوموبىل ھەيدەپ، زور قاتناش ھادىسىسى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر بولۇپ، بۇلارنىڭ ئۆمۈر بويى ئاپتوموبىل ھەيدىشى چەكلىنىدۇ.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇنىڭدىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق ج خ قاتناش ساقچى تارماقلىرى يەنە ئارقا-ئارقىدىن ئېغىر قاتناش ھادىسىسى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەن ھەم قېچىپ كەتكەنلەردىن ئۆمۈر بويى ئاپتوموبىل ھەيدىشى چەكلەنگەنلەرنىڭ ئىسىملىكىنى ئېلان قىلىدىكەن. يەنە كەڭ شوپۇرلاردىن ھادىسىدىن ئىبرەت ئېلىپ، قاتناش قائىدىسىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى بىخەتەر، مەدەنىي ھەيدەش تەلەپ قىلىندى. ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى قاتناش ساقچى باش ئەترىتى بۇ يىل 30-ئاپرېلدىن 31-مايغىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە ھاراق ئېچىپ ياكى مەست ھالەتتە ئاپتوموبىل ھەيدەپ، قانۇنغا خىلاپ جىنايەت سادىر قىلىش قىلمىشىنى مەركەزلىك تۈزەيدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر:

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر