باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ گوۋۇيۈەن پەرمانىغا ئىمزا قويدى

«يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش نىزامى» ئېلان قىلىندى

2022.10.27 23:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئاينىڭ 28-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ يېقىندا گوۋۇيۈەن پەرمانى ئىمزالاپ، «يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش نىزامى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «نىزام» دېيىلىدۇ) نى ئېلان قىلدى، 2022-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  يەككە سودا-سانائەتچىلەر جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سانى ناھايىتى كۆپ بولغان بازار سۇبيېكتى، دۆلىتىمىزنىڭ كەسىپ زەنجىرى بىلەن تەمىنلەش زەنجىرىدىكى «قىل قان تومۇر» ۋە بازارنىڭ «نېرۋا ئۇچى»، ئاممىنىڭ تۇرمۇشىدىكى ئەڭ بىۋاسىتە مۇلازىمەت قىلغۇچى. «نىزام»دا دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇلۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، «ئىككىدە قىلچە تەۋرەنمەسلىك»تە چىڭ تۇرۇلۇپ، گوۋۇيۈەننىڭ «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتى تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇلۇپ، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىلىپ، دىققەت نۆۋەتتىكى يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ تەرەققىياتىدا دۇچ كەلگەن گەۋدىلىك قىيىنچىلىقلارغا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، قاراتمىلىقى بولغان تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرمىسى چىقىرىلىپ، يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ ساغلام تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

  «نىزام» جەمئىي 39 ماددا بولۇپ، ئاساسلىق مەزمۇنى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: بىرىنچى، يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىدىكى ئورنى ۋە رولى ھەمدە يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. يەككە ئىگىلىك سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى، يەككە سودا-سانائەتچىلەر مۇھىم بازار سۇبيېكتى بولۇپ، ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈش، ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى كۆپەيتىش، ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا قولايلىق يارىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رول ئوينايدۇ. دۆلەت «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىجارەت-سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، پائال يۆلەپ يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، قانۇن بويىچە قېلىپلاشتۇرۇپ، يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا پايدىلىق شارائىت يارىتىپ بەردى. دۆلەت يەككە سودا-سانائەتچىلەرگە قارىتا بازارغا باراۋەر كىرىش، ئادىل مۇئامىلە قىلىش پىرىنسىپىنى يولغا قويىدۇ. يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ مال-مۈلۈك ھوقۇقى، ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك باشقۇرۇش ھوقۇقى قاتارلىق قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتى قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ، ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ دەخلى-تەرۇز قىلىشىغا ياكى قانۇنسىز ئارىلىشىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئىككىنچى، يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. گوۋۇيۈەن يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مىنىستىرلىقلار بىرلەشمە يىغىنى تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تارمىقى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىگە بولغان ماكرولۇق يېتەكچىلىكنى، ئۇنىۋېرسال ماسلاشتۇرۇشنى ۋە نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ئۆز مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە ئالاقىدار سىياسەت-تەدبىرلەرنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ چىقىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۆز مەمۇرىي رايونىدىكى يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ كونكرېت تەدبىر تۈزىدۇ ھەمدە تەشكىللەپ يولغا قويىدۇ. ئۈچىنچى، ھۆكۈمەت ۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتىكى مەسئۇلىيەت تەلىپى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. دۆلەت يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ ئاممىۋى مۇلازىمەت سۇپىسى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىدۇ. ھۆكۈمەت ۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بازار سۇبيېكتىنى تىزىملاش، يىللىق دوكلات مۇلازىمىتى، تىجارەت سورۇنى بىلەن تەمىنلەش، مەبلەغ، مالىيە-باج، پۇل مۇئامىلە، ئىجتىمائىي كاپالەت، ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مەھەللىلەردىكى خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت، رەقەملەشكەن تەرەققىيات، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىش قاتارلىق جەھەتلەردە يەككە سودا-سانائەتچىلەرنى قوللايدۇ. تۆتىنچى، ھۆكۈمەت ۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش چەكلىمىسىنى كۈچەيتىپ، يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ھۆكۈمەت ۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ئالاقىدار سىياسەت-تەدبىرلەرنى تۈزگەندە، يەككە سودا-سانائەتچىلەر ۋە ئالاقىدار ساھە تەشكىلاتلىرىنىڭ پىكرىنى تولۇق ئاڭلىشى لازىم، بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ سالاھىيەت ئىجازىتى، تۈر ئىلتىماس قىلىش، ھۆكۈمەت بىر تۇتاش سېتىۋېلىش، خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار چىقىش قاتارلىق جەھەتلەردە يەككە سودا-سانائەتچىلەرگە كەمسىتىش خاراكتېرلىك سىياسەت-تەدبىرلەرنى تۈزۈش ياكى يولغا قويۇشقا بولمايدۇ. ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ قانۇن-نىزاملارغا ۋە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلىپ، يەككە سودا-سانائەتچىلەردىن ھەق ئېلىشىغا ياكى شەكلى ئۆزگەرگەن ھەق ئېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ، ھەق ئېلىش دائىرىسىنى خالىغانچە كېڭەيتىشىگە ياكى ھەق ئېلىش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈشىگە يول قويۇلمايدۇ، يەككە سودا-سانائەتچىلەردىن مەبلەغ توپلىشىغا، ئۇلارغا سېلىق سېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ، يەككە سودا-سانائەتچىلەردىن ياردەم بېرىشنى ياكى ھەقلىق مۇلازىمەتنى قوبۇل قىلىشنى مەجبۇرىي تەلەپ قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ. ھۆكۈمەت ۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ خادىملىرىدىن يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىدە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماي ياكى توغرا ئادا قىلماي، يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈپ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىغا قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر