مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇشىغا تېگىشلىك تۆھپە قوشقانلار ھۆرمەتلەشكە ئەرزىيدۇ! باش شۇجى سانائەت ئىشچىلىرىغا چوڭقۇر ئىلھام بەردى

2022.10.27 11:02 مەنبە: خەلق تورى

  «سىزنىڭ ئۇنۋانىڭىز قايسى تەرتىپ بويىچە ماڭىدۇ؟»، «ھازىر كىرىمىڭىز قانداقراق؟»

  باش شۇجى شى جىنپىڭ 10- ئاينىڭ 17- كۈنى پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى گۇاڭشى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتناشقاندا، سېخ ئىشچىلىرى كىيىمى كىيگەن پارتىيە ۋەكىلى جېڭ جىمىڭدىن بۇ ئەھۋاللارنى تەپسىلىي سورىدى ھەم چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ مۇنداق دېدى: سانائەت ئىشچىلىرىنى كۆزگە ئىلماسلىققا بولمايدۇ، بۇنىڭدا چوقۇم ئۇلارنىڭ ئەمەلىي تۆھپىسىگە قاراش كېرەك! جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن ھەقىقىي تۆھپە قوشۇۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ ھۆرمەتلىشىمىزگە ئەرزىيدۇ. باش شۇجى يەنە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى پارتىيە بايرىقى ئاستىدا «مۇستەھكەم پولات» بولۇپ ئويۇشۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت غايەت زور پاراخوتنىڭ دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلىشىنى بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

  باش شۇجىنىڭ سۆزلىرى جېڭ جىمىڭنى ئىلھاملاندۇردى ۋە كۈچگە تولدۇردى. جېڭ ئۇستام كامېرا ئارقىلىق باش شۇجىنىڭ چوڭقۇر مېھىرلىك سۆزلىرىنى ھەر بىر ئىشچىغا سۆزلەپ بېرىشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرلەپ، ماھارەت ئارقىلىق ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرىشىمىز كېرەك، دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ