پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1-ئومۇمىي يىغىنىدا مەركەز رەھبەرلىك ئاپپاراتى بارلىققا كەلدى

2022.10.24 23:36 مەنبە: خەلق تورى

  شى جىنپىڭ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى بولدى

  شى جىنپىڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا تەيىنلەندى

  يولداش شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى

  

  يولداش شى جىنپىڭ

  

  10-ئاينىڭ 23-كۈنى، ئەمدىلا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1-ئومۇمىي يىغىنىدا سايلانغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 20-قۇرۇلتىيىنى زىيارەت قىلىۋاتقان جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلار بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شېن خۇڭ فوتوسى


  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 1-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئاخباراتى

  (2022-يىلى 10-ئاينىڭ 23-كۈنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1-ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللاندى)

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1-ئومۇمىي يىغىنى 2022-يىلى 10-ئاينىڭ 23-كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى.

  ئومۇمىي يىغىنغا مەركىزىي كومىتېت ئەزالىرىدىن 203 كىشى، مەركىزىي كومىتېتنىڭ كاندىدات ئەزالىرىدىن 168 كىشى قاتناشتى. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

  يولداش شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىلىقىغا سايلانغاندىن كېيىن مۇھىم سۆز قىلدى.

  ئومۇمىي يىغىندا مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش شۇجىسى سايلاپ چىقىلدى؛ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ ئەزالىرى ماقۇللاندى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەر قارار قىلىندى؛ 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 1-ئومۇمىي يىغىنىدا سايلاپ چېقىلغان شۇجى، مۇئاۋىن شۇجىلار ۋە دائىمىي كومىتېت ئەزالىرىنىڭ نامزاتى تەستىقلاندى. ئىسىملىكى تۆۋەندىكىچە:

  بىرىنچى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزالىرى

  (فامىلە خەت سىزىقىنىڭ ئاز-كۆپلۈكى بويىچە تىزىلىدۇ)

  دىڭ شۆشياڭ، شى جىنپىڭ، ما شىڭرۇي، ۋاڭ يى، ۋاڭ خۇنىڭ

  يىن لى، شى تەيفېڭ، ليۇ گوجۇڭ، لى شى، لى چياڭ

  لى گەنجيې، لى شۇلېي، لى خۇڭجۇڭ، خې ۋېيدۇڭ، خې لىفېڭ

  جاڭ يوۋشيا، جاڭ گوچىڭ، چېن ۋېنچىڭ، چېن جىنىڭ، چېن مىنئېر

  جاۋ لېجى، يۈەن جياجۈن، خۇاڭ كۈنمىڭ، سەي چى

  ئىككىنچى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى

  شى جىنپىڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى

  ئۈچىنچى، مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش شۇجىسى

  شى جىنپىڭ

  تۆتىنچى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى

  سەي چى، شى تەيفېڭ، لى گەنجيې، لى شۇلېي، چېن ۋېنچىڭ، ليۇ جىنگو، ۋاڭ شياۋخۇڭ

  بەشىنچى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى، مۇئاۋىن رەئىسلىرى ۋە ئەزالىرى

  رەئىس: شى جىنپىڭ

  مۇئاۋىن رەئىسلەر: جاڭ يوۋشيا، خې ۋېيدۇڭ

  ئەزالىرى: لى شاڭفۇ، ليۇ جېنلى، مياۋ خۇا، جاڭ شېڭمىن

  ئالتىنچى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن شۇجىلىرى، دائىمىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرى

  شۇجى: لى شى

  مۇئاۋىن شۇجى: ليۇ جىنگو، جاڭ شېڭمىن، شياۋ پېي، يۈ خۇڭچيۇ (ئايال)، فۇ كۈي، سۈن شىنياڭ، ليۇ شۆشىن، جاڭ فۇخەي

  دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى

  (فامىلە خەت سىزىقىنىڭ ئاز-كۆپلۈكى بويىچە تىزىلىدۇ)

  ۋاڭ شياۋپىڭ (ئايال)، ۋاڭ ئەيۋېن، ۋاڭ خۇڭجىن، ليۇ جىنگو

  ليۇ شۆشىن، شۈ لودې، سۈن شىنياڭ، لى شى

  لى شىنرەن (مانجۇ)، شياۋ پېي، جاڭ شېڭمىن، جاڭ فۇخەي

  چېن گوچياڭ، جاۋ شىيۇڭ، خوۋ كەي، يىن بەي (ناشىزۇ)

  يۈ خۇڭچيۇ (ئايال)، فۇ كۈي، مۇ خۇڭيۈ (ئايال)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ