مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسى يىغىن ئاچتى

پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى

ۋاڭ ياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى ھەمدە سۆز قىلدى

2022.10.26 10:46 مەنبە: خەلق تورى

  10-ئاينىڭ 24–كۈنى چۈشتىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزى گۇرۇپپىسى كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلىپ، پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 1- ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى، پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ ياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەمدە سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يولداش شى جىنپىڭنىڭ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن بەرگەن دوكلاتى ۋە يىغىندا ماقۇللانغان تۈرلۈك قارارلىرىنى پۈتۈنلەي ھىمايە قىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركەز رەھبەرلىك كوللىكتىپىنىڭ پۈتۈن پارتىيە ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى يېتەكلەپ، يېڭى دەۋردە يېڭى شانلىق نەتىجىلەرگە ئېرىشەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.

  يىغىندا مۇنداق قارالدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ بەرگەن دوكلات بايراق كۆتۈرۈلۈپ يۆنىلىش بەلگىلەنگەن، مەزمۇنى مول، كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدىغان بولۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزىم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئىگىز كۆتۈرۈش، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزىمنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى يارىتىشنىڭ سىياسىي خىتابنامىسى ۋە ھەرىكەت پىروگراممىسى، ئۇ جەزمەن پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋرگە تۆھپە قوشۇشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ، پۈتكۈل جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشتىكى ئۇلۇغ كۈچىنى يەنىمۇ مۇجەسسەملەيدۇ.

  يىغىندا مۇنداق قارالدى: يېڭى دەۋردىكى ئۇلۇغ ئۆزگىرىشلەرنىڭ ھاسىل قىلىنىشىدىكى تۈپ سەۋەب پارتىيەنىڭ يولداش شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسىلىق، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى تىكلىگەنلىكى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچى ئورنىنى تىكلىگەنلىكىدە. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيەت ۋە دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق، جاسارەتلىك بولۇپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، كۆپ تەرەپتىن كەلگەن خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسلارنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، تارىخىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ كەينىگە ياندۇرغىلى بولمايدىغان تارىخىي مۇساپىگە قەدەم قويۇشىغا تۈرتكە بولدى.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە 20- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشتا يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش ئورتاق تونۇشى ۋە بىرىكمە كۈچىنى كەڭ مۇجەسسەملەپ، بىر نىيەتتە ئويلاپ، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىدىغان جانلىق ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى تەربىيەسى ئارقىلىق كەڭ ئەزالارنى يېتەكلەپ، ئىدىيەۋى ئاڭلىقلىق ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشى كېرەك. پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى پارتىيە 20- قۇرۇلتىيىدىكى مۇھىم تەدبىر–ئورۇنلاشتۇرمىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتى بولۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ تۈزۈملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش، تەرتىپلەشتۈرۈش فۇنكسىيەسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پىكىر-تەكلىپ، پىكىر بېرىش ۋە ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئەقىل-پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇش كېرەك.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ چىڭلى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى ليۇ چىباۋ، لۇ جەنگۇڭ، ما جۈن، شيا باۋلوڭ، لى بىن، باتىر، ۋاڭ يۇڭچىڭ، خې لىفېڭلار قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئورگانلىرى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېتلار شۆبە پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇللىرى ئۆگىنىشكە قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ