مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

پۈتۈن دۇنيا كۆز تىككەن بۇ كۆرۈشۈش يىغىنىدا، شى جىنپىڭ قانداق مۇھىم خىتابلارنى ئېلان قىلدى؟

2022.10.24 23:30 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئاينىڭ 24-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10-ئاينىڭ 23-كۈنى، ئەمدىلا پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1-ئومۇمىي يىغىنىدا سايلانغان يېڭى بىر نۆۋەتلىك جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى خەلق سارىيىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20-قۇرۇلتىيىنى زىيارەت قىلىۋاتقان جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرى بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرۈشۈش يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلدى. بۈگۈنكى جۇڭگو جاسارەت بىلەن ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىگە ئاتلاندى. بۇ، شەرەپ ۋە ئارزۇغا تولغان ئۇزاق سەپەر. يېڭى مۇساپىدە بىز قانداق قىلىپ نەتىجىلەرنى يارىتىمىز؟ باش شۇجى تۆت جەھەتتىن ئېنىق خىتابلارنى ئېلان قىلدى.

  بىرىنچى، پۈتۈن دۇنيا كۆز تىككەن « كوللېكتىپ تۇنجى قېتىم نامايان بولدى»

  شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1-ئومۇمىي يىغىنىدا يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركەز رەھبەرلىك ئاپپاراتى سايلاپ چىقىلدى. يىغىندا شى جىنپىڭ داۋاملىق ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىلىقىغا سايلاندى. لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلاندى.

  1-ئومۇمىي يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە يېڭىدىن سايلانغان باشقا ئالتە دائىمىي كومىتېت ئەزاسى جۇڭگو ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشتى. بۇ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى ئەزالىرىنىڭ تۇنجى قېتىم كوللېكتىپ نامايان بولۇشى.

  كۆزىتىشتىن بايقىلىشىچە، ج ك پ 18-، 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرى بىلەن كۆرۈشۈش يىغىنى خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي زالىدا ئېچىلغان. بۇ يىلقى كۆرۈشۈش يىغىنى تۇنجى قېتىم خەلق سارىيىنىڭ ئالتۇن رەڭلىك زالىدا ئۆتكۈزۈلدى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئالتۇن رەڭلىك زالدا دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرەپ نامىنى بېرىش تۇنجى مۇراسىمى، «1-ئىيۇل» ئوردېنى بېرىش مۇراسىمى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن دۇنيادىكى پارتىيەلەرنىڭ رەھبەرلىرى باشلىقلار يىغىنى، يەر شارى تەرەققىيات يۇقىرى قاتلام سۆھبەت يىغىنى قاتارلىق بىر قاتار مۇھىم پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلگەن.

  بۇ يىل بۇ قېتىمقى كۆرۈشۈش يىغىنى چۈش سائەت 12:05 دىن 12:30 غىچە داۋاملاشتى، ۋاقتى تەخمىنەن 25 مىنۇت بولۇپ، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى ئۈچ قېتىملىق كۆرۈشۈش يىغىنى ئىچىدىكى ئەڭ ئۇزاق بىر قېتىملىقى ھېسابلىنىدۇ.

  دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغان يەنە بىر ئۇچۇر شۇكى، بۇ قېتىمقى كۆرۈشۈش يىغىنىغا قاتناشقان جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلار 600 دىن ئېشىپ، ئىلگىرىكى ئىككى قېتىمقىدىن ئېشىپ كەتتى. بۇمۇ بىر تەرەپتىن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇ قېتىمقى كوللېكتىپ كۆرۈشۈشكە كۆڭۈل بۆلۈش دەرىجىسىنى نامايان قىلدى.

  ئىككىنچى، «كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان روھىي ھالەت باشتىن-ئاخىر ساقلاندى»

  10-ئاينىڭ 23-كۈنى، جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە، باش شۇجى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى مۇساپىدە بىز، كۆتۈرەڭگۈ روھىي ھالەتنى باشتىن-ئاخىر ساقلاپ، ھەممىدە خەلقنى كۆزلەش، ھەممىدە خەلققە تايىنىشتا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى باشتىن-ئاخىر ئىلگىرى سۈرۈپ، پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممىتىنى باشتىن-ئاخىر ئەۋج ئالدۇرۇشتىن ئىبارەت «تۆت باشتىن-ئاخىر»نى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

  باش شۇجى تەكىتلىگەن بىرىنچى «باشتىن-ئاخىر» __ كۆتۈرەڭگۈ روھىي ھالەت باشتىن-ئاخىر ساقلاندى.

  ئۈچىنچى، «ھەممىدە خەلقنى كۆزلەش، ھەممىدە خەلققە تايىنىشتا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇش»

  «خەلق» سۆزى باش شۇجى شى جىنپىڭ باشتىن-ئاخىر تەكىتلەپ كەلگەن ئاچقۇچلۇق سۆز.

  «خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى بىزنىڭ كۈرەش نىشانىمىز.» ئون يىل ئىلگىرى، باش شۇجىنىڭ ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشكەندە ئېيتقان بۇ سۆزى جۇڭگودا كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى. بەش يىل ئىلگىرىكى كۆرۈشۈش يىغىنىدا، باش شۇجى: «بىز خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنىڭ بىزنىڭ كۈرەش نىشانىمىز ئىكەنلىكىنى ئەستە چىڭ ساقلىشىمىز كېرەك» دەپ تەكىتلىدى.

  بۇ يىل بۇ قېتىمقى كۆرۈشۈش يىغىنىدا، باش شۇجى يەنە بىر قېتىم مۇنداق تەكىتلىدى: «بىز باشتىن-ئاخىر خەلق بىلەن جاپا-مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، خەلق بىلەن قەلبداش بولۇپ، خەلقنىڭ ئويلىغانلىرىنى ئويلاپ، خەلقنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئۈزلۈكسىز رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.»

  باش شۇجى شۇ كۈنى تەكىتلىگەن ئىككىنچى «باشتىن-ئاخىر» دەل باشتىن-ئاخىر ھەممىدە خەلقنى كۆزلەش، ھەممىدە خەلققە تايىنىشتا چىڭ تۇرۇش بولدى.

  تۆتىنچى، «پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى باشتىن-ئاخىر ئىلگىرى سۈرۈش»

  پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى باشتىن-ئاخىر ئىلگىرى سۈرۈش __ باش شۇجى تەكىتلىگەن ئۈچىنچى «باشتىن-ئاخىر»دۇر

  10-ئاينىڭ 23-كۈنىدىكى كۆرۈشۈش يىغىنىدا، ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: «پارتىيەمىز 100 يىللىق بوران-چاپقۇندا تاۋلىنىپ پولاتقا ئايلاندى، بولۇپمۇ يېڭى دەۋردىكى ئون يىللىق ئىنقىلاب خاراكتېرلىك تاۋلىنىشتا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تېخىمۇ كۈچلۈك، تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە تولدى.»

  باش شۇجى كۆرۈشۈش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: يېڭى مۇساپىدىكى يېڭى خىرىس، يېڭى سىناق ئالدىدا، بىز جەزمەن يۈكسەك ھوشيار بولۇپ، ئىمتىھانغا ئالدىراشتىكى سەگەكلىك ۋە ئېھتىياتچانلىقنى مەڭگۈ ساقلاپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك.

  بەشىنچى، «پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممىتىنى باشتىن-ئاخىر ئەۋج ئالدۇرۇش»

  10-ئاينىڭ 23-كۈنىدىكى كۆرۈشۈش يىغىنىدا، باش شۇجى تەكىتلىگەن تۆتىنچى «باشتىن-ئاخىر» __ دەل پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممىتىنى باشتىن-ئاخىر ئەۋج ئالدۇرۇش. ئۇ مۇنداق دېدى: بىز ھەرقايسى دۆلەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە تىنچلىق، تەرەققىيات، ئادىللىق، ھەققانىيلىق، دېموكراتىيە، ئەركىنلىكتىن ئىبارەت پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداپ، دۇنيا تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا سىجىل تۈرتكە بولىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ