پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ھەيئەت رىياسىتى 2 - قېتىملىق يىغىن ئۆتكۈزدى

شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

2022.10.20 10:06 مەنبە: خەلق تورى

  يىغىندا 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار(لايىھە)، 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار(لايىھە)، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نىزامنامىسى(تۈزىتىلمىسى)» توغرىسىدىكى قارار(لايىھە)نى ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ مۇزاكىرىسىگە سۇنۇش ماقۇللاندى. قۇرۇلتاينىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى چېن شى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرى، كاندىدات ئەزالىرى ۋە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئەزالىرى نامزاتى تەييارلىق نامزاتىنىڭ تەكلىپ ئىسىملىكى توغرىسىدا چۈشەنچە بەردى. يىغىندا 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرى، كاندىدات ئەزالىرى ۋە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئەزالىرى نامزاتى تەييارلىق نامزاتىنىڭ تەكلىپ ئىسىملىكى ماقۇللىنىپ، ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ كېڭىشىشىگە سۇنۇلدى؛ قۇرۇلتاينىڭ سايلام چارىسى ماقۇللاندى

  10 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 20 - قۇرۇلتىيى ھەيئەت رىياسىتى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا 2 - قېتىملىق يىغىن ئۆتكۈزدى. يولداش شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى

  10 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 20 - قۇرۇلتىيى ھەيئەت رىياسىتى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا 2 - قېتىملىق يىغىن ئۆتكۈزدى. شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 18 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 20 - قۇرۇلتىيى ھەيئەت رىياسىتى 10 - ئاينىڭ 18 - كۈنى چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا 2 - قېتىملىق يىغىن ئۆتكۈزدى.

  يولداش شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار(لايىھە)، 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار(لايىھە)، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نىزامنامىسى(تۈزىتىلمىسى)» توغرىسىدىكى قارار(لايىھە)نى ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ مۇزاكىرىسىگە سۇنۇش ماقۇللاندى.

  قۇرۇلتاينىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى چېن شى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرى، كاندىدات ئەزالىرى ۋە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئەزالىرى نامزاتى تەييارلىق نامزاتىنىڭ تەكلىپ ئىسىملىكى توغرىسىدا چۈشەنچە بەردى.

  يىغىندا 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرى، كاندىدات ئەزالىرى ۋە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئەزالىرى نامزاتى تەييارلىق نامزاتىنىڭ تەكلىپ ئىسىملىكى ماقۇللىنىپ، ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ كېڭىشىشىگە سۇنۇلدى.

  يىغىندا ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ كېڭىشىشىدىن ئۆتكەن قۇرۇلتاينىڭ سايلام چارىسى ماقۇللاندى. يىغىندا يەنە بېلەت نازارەتچىلىرى، باش بېلەت نازارەتچىسى ئىسىملىكى ماقۇللاندى، رەسمىي سايلام ئۆتكۈزۈلگەندە قۇرۇلتاينىڭ ماقۇللىشىغا سۇنۇلىدۇ.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ