پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ھەيئەت رىياسىتى 3 - قېتىملىق يىغىن ئۆتكۈزدى

2022.10.23 16:29 مەنبە: خەلق تورى

  مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېتنىڭ كاندىدات ئەزالىرى ۋە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئەزالىرى نامزاتلىرىنىڭ ئىسىملىكى (لايىھە) ماقۇللاندى

  شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

  10 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 20 - قۇرۇلتىيى ھەيئەت رىياسىتى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا 3 - قېتىملىق يىغىن ئۆتكۈزدى. يولداش شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 21 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 20 - قۇرۇلتىيى ھەيئەت رىياسىتى 10 - ئاينىڭ 21 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا 3 - قېتىملىق يىغىن ئۆتكۈزدى، يىغىندا، 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرى، كاندىدات ئەزالىرى ۋە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئەزالىرى نامزاتلىرىنىڭ ئىسىملىكى(لايىھە) ماقۇللىنىپ، ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ كېڭىشىشىگە سۇنۇلدى.

  يولداش شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ ئارتۇق نامزاتلىق تەييارلىق سايلىمى ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرى، كاندىدات ئەزالىرى ۋە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئەزالىرى نامزاتلىرىنىڭ ئىسىملىكى (لايىھە) ماقۇللىنىپ، ئىسىملىكنى ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ كېڭىشىشىگە سۇنۇش قارار قىلىندى.

  ئىگىلىنىشىچە، 10 - ئاينىڭ 19 - كۈنىدىن باشلاپ، ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى ئوتتۇرىغا قويغان ھەم قۇرۇلتاي ھەيئەت رىياسىتى ماقۇللىغان 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرى، كاندىدات ئەزالىرى ۋە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئەزالىرى نامزاتلىرىنىڭ تەييارلىق نامزات ئىسىملىكىنى ئەستايىدىل كېڭەشكەن. ۋەكىللەر مۇنداق قارىدى: بۇ ئىسىملىك قاتتىق تەشكىلىي تەرتىپ ۋە پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيەنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن، ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى سەپلەر، ھەرقايسى ساھەلەردىكى پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغان تايانچلىرى ۋە مۇنەۋۋەر ۋەكىللىرى مەركەزلەشكەن، ئومۇمىي ساپاسى ياخشى، قۇرۇلمىسى بىرقەدەر مۇۋاپىق، تارقىلىشى بىرقەدەر تەكشى، ئاممىۋى ئاساسى بىرقەدەر ياخشى بولۇپ، بىرقەدەر ئەتراپلىق ئويلىشىلغان لايىھە بوپتۇ.

  10 - ئاينىڭ 20 - كۈنى چۈشتىن كېيىن ۋە 10 - ئاينىڭ 21 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، قۇرۇلتاي ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىنى ئۆتكۈزۈپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئەزالىرى ۋە مەركىزىي كومىتېتنىڭ كاندىدات ئەزالىرى تەييارلىق سايلىمى ئۆتكۈزدى. قۇرۇلتاينىڭ سايلام چارىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، تەييارلىق سايلىمىدا ئارتۇق نامزاتلىق سايلام چارىسى قوللىنىلدى، ئارتۇق نامزات نىسبىتى بىردەك %8تىن ئارتۇق بولدى. پۈتكۈل تەييارلىق سايلىمى خىزمىتى قۇرۇلتاي ھەيئەت رىياسىتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، بېلەت نازارەتچىلىرىنىڭ نازارەتچىلىكىدە، قۇرۇلتاينىڭ سايلام چارىسىگە قاتتىق ئەمەل قىلىنغان ئاساستا ئېلىپ بېرىلدى، تەييارلىق سايلىمى نەتىجىسى قانۇنلۇق، كۈچكە ئىگە.

  قۇرۇلتاينىڭ سايلام چارىسىدىكى بەلگىلىمە ۋە كۈنتەرتىپ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، 10 - ئاينىڭ 21 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، قۇرۇلتاي ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ گۇرۇپپا يىغىنىنى ئۆتكۈزۈپ، ھەيئەت رىياسىتىنىڭ 3 - قېتىملىق يىغىنىدا ماقۇللانغان مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرى، مەركىزىي كومىتېتنىڭ كاندىدات ئەزالىرى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئەزالىرى نامزاتلىرىنىڭ ئىسىملىكىنى كېڭەشتى.

  10 - ئاينىڭ 22 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، قۇرۇلتاي رەسمىي سايلام ئۆتكۈزىدۇ.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ