مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ قاتارلىق رەھبىرىي يولداشلار پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان ۋەكىللەر، ئالاھىدە تەكلىپلىك ۋەكىللەر ۋە سىرتتىن قاتناشقانلار بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى

2022.10.24 23:33 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئاينىڭ 24-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 10-ئاينىڭ 23-كۈنى چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان ۋەكىللەر، ئالاھىدە تەكلىپلىك ۋەكىللەر ۋە سىرتتىن قاتناشقانلار بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى ھەم كۆپچىلىك بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

  لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، ۋاڭ چىشەن، ما شىڭرۇي، ۋاڭ چېن، ۋاڭ يى، يىن لى، شى تەيفېڭ، ليۇ خې، ليۇ گوجۇڭ، شۈ چىلياڭ، سۈن چۈنلەن، لى گەنجيې، لى شۇلېي، لى خۇڭجۇڭ، ياڭ شياۋدۇ، خې ۋېيدۇڭ، خې لىفېڭ، جاڭ يوۋشيا، جاڭ گوچىڭ، چېن ۋېنچىڭ، چېن جىنىڭ، چېن مىنئېر، خۇ چۇنخۇا، يۈەن جياجۈن، خۇاڭ كۈنمىڭ، ۋېن جياباۋ، جيا چىڭلىن، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، سۇڭ پىڭ، لى لەنچىڭ، زېڭ چىڭخۇڭ، ۋۇ گۇەنجېڭ، لى چاڭچۈن، خې گوچياڭ، ليۇ يۈنشەن، جاڭ گاۋلى، ليۇ جىنگو، ۋاڭ شياۋخۇڭ، ياڭ جيېچى، چېن شى، چېن چۈەنگو، گو شېڭكۈن، يوۋ چۈەن كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

  خەلق سارىيىنىڭ زىياپەت زالىدا رەڭگارەڭ چىراغلار چاقناپ تۇراتتى، پارتىيە گېربى ئېسىلغان بولۇپ، كەيپىيات داغدۇغىلىق، قىزغىن ئىدى. 2700دىن ئارتۇق ۋەكىل، ئالاھىدە تەكلىپلىك ۋەكىل ۋە سىرتتىن قاتناشقۇچى بۇ يەرگە جەم بولۇپ، ھاياجانلىق ھېسسىياتى بىلەن رەھبىرىي يولداشلارنىڭ كېلىشىنى كۈتتى.

  چۈشتىن كېيىن سائەت 4تە، شى جىنپىڭ قاتارلىقلار زىياپەت زالىغا كىردى، پۈتۈن مەيداندا ئۇزاققىچە قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى. شى جىنپىڭ قاتارلىقلار كۆپچىلىككە قول ئىشارىسى قىلىپ ئېھتىرام بىلدۈردى، ئارىلاپ قەدىمىنى توختىتىپ، ئالدىنقى رەتتىكى يولداشلار بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى. ۋەكىللەر بەس-بەستە شى جىنپىڭ قاتارلىق رەھبىرىي يولداشلارغا سالام قىلىپ، ئۇلارغا سەمىمىي ئېھتىرام بىلدۈرۈپ، قىزغىن سالاملاشتى. زالنىڭ ئىچى قىزغىن كەيپىياتقا تولغان بولۇپ، كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالاتتى، چاۋاك، ئالقىش ساداسى ئۇزاققىچە داۋاملاشتى.

  كۆرۈشۈشكە يەنە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتتىكى رەھبىرىي يولداشلار ۋە رەھبەرلىك ۋەزىپىسىدىن چېكىنگەن پېشقەدەم يولداشلار قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ