مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ ئۇگاندا زۇڭتۇڭى مۇسېۋېنى بىلەن جۇڭگو - ئۇگاندا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2022.10.20 09:55 مەنبە: خەلق تورى

  10 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئۇگاندا زۇڭتۇڭى مۇسېۋېنى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئۇگاندانىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى ئۇزاق تارىخىي جەرياندا مۇستەھكەملەنگەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى دۆلەت ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى كۈنسېرى مۇستەھكەملەپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە ئالاقىدار ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلەردە ئۆزئارا قەتئىي قوللاپ، خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا زىچ ماسلاشتى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالدىدا، ئىككى دۆلەت خەلقلىرى جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، جۇڭگو - ئۇگاندا دوستلۇقىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتتى. مەن جۇڭگو - ئۇگاندا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ مۇسېۋېنى بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ۋە جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى رامكىسى ئىچىدە ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىپ، قول تۇتۇشۇپ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو - ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى خالايمەن.

  مۇسېۋېنى مۇنداق بىلدۈردى: دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 60 يىلدىن بۇيان، ئۇگاندا - جۇڭگو ئىككى تەرەپ زىچ ماسلىشىپ، ھەمكارلىشىپ، نۇرغۇن مۇھىم، زور ھەمكارلىقنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىپ يولغا قويدى، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ياخشى مۇناسىۋەت باشتىن - ئاخىر ھاياتىي كۈچكە تولدى. ئۇگاندا تەرەپ ئۇگاندا - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشقا داۋاملىق كۈچ چىقىرىدۇ. ئىشىنىمەنكى، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى مۇقەررەر ھالدا سىجىل چوڭقۇرلىشىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ