شى جىنپىڭ نىگېرىيەدە پاراخوت چۆكۈپ كېتىش ۋەقەسى يۈزبەرگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن نىگېرىيە زۇڭتۇڭى بۇخارىغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى
2022.10.17 08:36 مەنبە: خەلق تورى
10 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ نىگېرىيەدە پاراخوت چۆكۈپ كېتىش ۋەقەسى يۈزبەرگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن نىگېرىيە زۇڭتۇڭى بۇخارىغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: نىگېرىيەنىڭ ئانامبىرا ئوبلاستىدا پاراخوت چۆكۈپ كېتىش ۋەقەسى يۈزبېرىپ، ئېغىر، زور بولغان ئادەم يارىلىنىش - ئۆلۈپ كېتىش كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ چۆچۈدۈم. مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن بەختسىزلىككە ئۇچرىغانلارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمەن، بەختسىزلىككە ئۇچرىغانلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىدىن سەمىمىي ھال سورايمەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ