مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ مالدىۋې زۇڭتۇڭى سالىھ بىلەن جۇڭگو - مالدىۋې دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2022.10.16 09:24 مەنبە: خەلق تورى

  10 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مالدىۋې زۇڭتۇڭى سالىھ بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن مالدىۋېنىڭ دوستانە ئالاقىسى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 50 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت باشتىن - ئاخىر ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، ئۆزئارا قوللاپ، چوڭ دۆلەت بىلەن كىچىك دۆلەتنىڭ ئۆزئارا باراۋەر مۇئامىلە قىلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىش ئۈلگىسىنى تىكلىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى تەرەپ جاپا - مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇپ، ھەمكارلىشىپ مۇداپىئە كۆرۈپ، قول تۇتۇشۇپ ئەسىر يۇقۇمى خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكنى قوغداپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو - مالدىۋې مۇناسىۋىتىگە يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى، يېڭى مەنزىل ئاچتى. مەن جۇڭگو - مالدىۋې مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ سالىھ بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو بىلەن مالدىۋېنىڭ كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن ئومۇميۈزلۈك دوستانە ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت - سائادەت ئېلىپ كېلىشنى خالايمەن.

  سالىھ مۇنداق بىلدۈردى: مالدىۋې - جۇڭگو مۇناسىۋىتى ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تارىخىي مەنبەسى، ئىگىلىك ھوقۇق باراۋەرلىكى ۋە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشى ئاساسىدا ئورنىتىلغان، شۇنداقلا مالدىۋې ھۆكۈمىتىنىڭ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىشىدىن ئىبارەت مۇستەھكەم ئاساستا ئورنىتىلغان. جۇڭگو مالدىۋېنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت ۋە مەدەنىيەت تەرەققىياتىغا غايەت زور تۆھپە قوشتى. ئىشىنىمەنكى، ئىككى دۆلەت 50 يىلدىن بۇيان ئورناتقان ئۇزاق مۇددەتلىك دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى جەزمەن يەنىمۇ چوڭقۇرلىشىدۇ ۋە كېڭىيىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ