مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 ـ قۇرۇلتىيى دوكلاتى توغرىسىدا پىكىر ئالدى

شى جىنپىڭ رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ قاتناشتى

2022.10.15 08:41 مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى 8 ـ ئاينىڭ 31 ـ كۈنى جۇڭنەنخەيدە پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 ـ قۇرۇلتىيى دوكلاتىنىڭ پىكىر ئېلىش نۇسخىسى توغرىسىدا ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە ـ گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا ـ سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيەسىز ـ گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرىنىڭ پىكىر ۋە تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى يېڭى ۋەزىپە، يېڭى تەلەپ ئالدىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە ـ گۇرۇھلار ھەمكارلىشىپ بىللە ئىشلەشنى كۈچەيتىپ، ئەڭ كەڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپىنى مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، ھەرقايسى قاتلام، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئەقىل ـ پاراسىتى ۋە كۈچىنى ئەڭ زور دەرىجىدە مۇجەسسەملەپ، پۈتكۈل جەمئىيەت، پۈتكۈل مىللەتنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى ئەڭ زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن بىرلىكتە كۈرەش قىلىشى كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

  سۆھبەت يىغىنىدا، شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 ـ قۇرۇلتىيى دوكلاتىنىڭ پىكىر ئېلىش نۇسخىسىنىڭ شەكىللىنىش جەريانىنى تونۇشتۇردى، ئۇ پارتىيە سىرتىدىكى زاتلارنىڭ كەڭ ـ كۇشادە پىكىر بايان قىلىپ، سەمىمىي بولۇپ، توغرا ۋە ئېنىق كۆز قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 ـ قۇرۇلتىيى دوكلاتىنىڭ پىكىر ئېلىش نۇسخىسىغا پىكىر بېرىشىنى ئۈمىد قىلدى.

  سۆھبەت يىغىنىدا، جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋەن ئېشياڭ، جۇڭگو دېموكراتىيە ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى چېن شياۋگۇاڭ، جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى خاۋ مىڭجىن، جۇڭگو دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى سەي دافېڭ، جۇڭگو دېھقان ـ ئىشچىلار دېموكراتىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى چېن جۇ، جۇڭگو ئادالەتچىلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋەن گاڭ، «3 ـ سېنتەبىر» ئىلمىي جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋۇ ۋېيخۇا، تەيۋەن دېموكراتىك ئاپتونومىيە ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى سۇ خۇي، مەملىكەتلىك سودا ـ سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى گاۋ يۈنلۇڭ، پارتىيەسىز ـ گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىلى گاۋ خۇڭجۈن ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ سۆز قىلدى. ئۇلار مۇنداق قارىدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى بەش يىل ۋە يېڭى دەۋردىكى بۇ 10 يىل ئىنتايىن پەۋقۇلئاددە، ئىنتايىن ئالاھىدە بولدى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيەت ۋە دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، كەسكىن، مۇرەككەپ خەلقئارا، دۆلەت ئىچى ۋەزىيىتى ۋە كەينى ـ كەينىدىن كەلگەن غايەت زور خەۋپ ـ خەتەر، خىرىسقا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىش روھى ئارقىلىق يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى ئالغا سىلجىتىپ، قەرەلىدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى ھاسىل قىلىپ، شانلىق تارىخىي سەھىپىنى پۈتتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلات ئارگىنالىدا مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ۋە 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنىڭ يۇقىرى نۇقتىسىدا تۇرۇلۇپ، كەلگۈسى بەش يىل، ھەتتا تېخىمۇ ئۇزاق مەزگىلدىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ نىشان ـ ۋەزىپىسى ۋە چوڭ سىياسەت ـ فاڭجېنلار ئىلمىي پىلانلىنىپ، بىر قاتار يېڭى پىكىر يولى، يېڭى ئىستراتېگىيە، يېڭى تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ، بىزنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشىمىزغا، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىشىمىزغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت. ئۇلار يەنە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىگە بولغان ئورتاق تونۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق سۆز سىستېمىسى بەرپا قىلىش، قوش ئايلىنىش ئەندىزىسىدە يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشكە تۈرتكە بولۇش، شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش، بىرلىك سەپ ۋە يېڭىچە سىياسىي پارتىيە تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، پارتىيە سىرتىدىكى زىيالىيلارغا بولغان ئىدىيەۋى ـ سىياسىي خىزمەتنى ياخشى ئىشلەش، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، يېڭىلىق يارىتىشچان كارخانىچىلارنى يېتىلدۈرۈش، ئالىي مەكتەپ باشقۇرۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، سەھىيە راسخوتىغا مۇقىم مەبلەغ سېلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىش قاتارلىقلار توغرىسىدا پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 ـ قۇرۇلتىيى دوكلاتىنى تەييارلاش خىزمىتى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 ـ قۇرۇلتىيىغا تەييارلىق كۆرۈش خىزمىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئارزۇسىغا ماسلىشىدىغان، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ماس كېلىدىغان، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتى، يېڭى ۋەزىپىسىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان قۇرۇلتاي دوكلاتى تەييارلاش ئۈچۈن، بىز دېموكراتىيەنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، كەڭ دائىرىدە پىكىر ئېلىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئەقىل ـ پاراسىتىنى مەركەزلەشتۈردۇق. پارتىيە سىرتىدىكى زاتلارنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 ـ قۇرۇلتىيى دوكلاتى توغرىسىدىكى پىكىر ـ تەكلىپلىرىنى ئاڭلاش ھەم سىياسىي كېڭىشىشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى، شۇنداقلا پارتىيە سىرتىدىكى زاتلارنىڭ دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى، مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بېرىشىدىكى ئۈنۈملۈك ئۇسۇل.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ يىل 2 ـ ئاينىڭ ئاخىرىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىگە ھاۋالە قىلىپ، پارتىيە سىرتىدىكى زاتلاردىن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ ئالاقىدار قارالمىلىرى توغرىسىدا مەخسۇس پىكىر ۋە تەكلىپ ئالدى، كۆپچىلىك نۇرغۇن قىممەتلىك پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىن بۇيان، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە ـ گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا ـ سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيەسىز ـ گۇرۇھسىز زاتلار كۆپ خىل شەكىل ئارقىلىق تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، بىر تۈركۈم يۇقىرى سۈپەتلىك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى ھاسىل قىلدى، نۇرغۇن قىممەتلىك پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. بايا، كۆپچىلىك سۆزىدە يەنە ناھايىتى ياخشى تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، بىز ئەستايىدىل تەتقىق قىلىمىز ۋە قوبۇل قىلىمىز. شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن كۆپچىلىككە رەھمەت ئېيتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بىرلىك سەپتە چىڭ تۇرۇش جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى بىر مۇھىم تارىخىي تەجرىبىسى. يېڭى دەۋردىكى 10 يىلدىن بۇيان، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر، ھاسىل قىلىنغان تارىخىي ئۆزگىرىشلەر جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىنىڭ نەتىجىسى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، شۇنداقلا ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە ـ گۇرۇھلار، سودا ـ سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيەسىز ـ گۇرۇھسىز زاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىرلىك سەپتىكى كەڭ ئەزالارنىڭ ئورتاق تىرىشقانلىقىنىڭ نەتىجىسى.

  شى جىنپىڭ ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە ـ گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا ـ سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيەسىز ـ گۇرۇھسىز زاتلارنىڭ ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىدىغان سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تارىخىي بۇرچ تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 ـ قۇرۇلتىيىدا تۈزۈپ چىقىلىدىغان ئۇلۇغۋار پىلان، بېكىتىلىدىغان كۈرەش نىشانى ۋە چىقىرىلىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىنى چۆرىدەپ، بىر نىيەتتە ئويلايدىغان، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىدىغان جانلىق ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈشىنى؛ توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، كۈرەش قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇشىنى، ھەرقايسىسى ئۆزىنىڭ جەمئىيەت مۇناسىۋىتىنى ماسلاشتۇرۇش، جەمئىيەتتىكى زىددىيەتنى ھەل قىلىش، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشتىكى ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى؛ سىياسىي جەھەتتە ئۆتكۈزۈپ بېرىش ـ ئۆتكۈزۈۋېلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سىياسىيلىقى، ۋارىسلىق قىلىشچانلىقى، قاراتمىلىقى، ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، پارتىيە بىلەن بىر نىيەتتە بولۇش، ۋەتەننى سۆيۈش، خەلقنى كۆزلەش، سەمىمىي ھەمكارلىشىش، كەسىپنى قەدىرلەپ تۆھپە قوشۇشتىن ئىبارەت كۆپ پارتىيە ھەمكارلىشىدىغان ئېسىل ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىشىنى ئۈمىد قىلدى.

  دىڭ شۆشياڭ، ۋاڭ چېن، ليۇ خې، شۈ چىلياڭ، سۈن چۇنلەن، ياڭ شياۋدۇ، چېن شى، خۇ چۇنخۇا، گو شېڭكۇن، خۇاڭ كۇنمىڭ، يوۋ چۈەن، ۋاڭ يى، شياۋ جيې، جاڭ چىڭلى، شيا باۋلۇڭ، خې لىفېڭ، مەركەزدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

  سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشقان پارتىيە سىرتىدىكى زاتلاردىن يەنە جېڭ جيەنباڭ، گۇ شېڭزۇ، ليۇ شىنچېڭ، خې ۋېي، شاۋ خۇڭ ۋە جياڭ زوجۈن، لى يۆفېڭ، خۇاڭ يۈگۇاڭ قاتارلىقلار بار.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ