مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ جۇڭگو خەلقئارا ئىمكانىيەتلىك سىجىل قاتناشتا يېڭىلىق يارىتىش ۋە بىلىم مەركىزى قۇرۇلغانلىقىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2022.10.16 09:22 مەنبە: خەلق تورى

  10 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ جۇڭگو خەلقئارا ئىمكانىيەتلىك سىجىل قاتناشتا يېڭىلىق يارىتىش ۋە بىلىم مەركىزى قۇرۇلغانلىقىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يەرشارىۋى قاتناشنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، يەرشارىۋى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش يەرشارىۋى ئەشيا ئوبوروتى تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقى، راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. جۇڭگو خەلقئارا قاتناشتا ئىمكانىيەتلىك سىجىل يېڭىلىق يارىتىش ۋە بىلىم مەركىزى قۇرۇش بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030 - يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى قوللاشتىكى مۇھىم تەدبىر. جۇڭگو تەرەپ ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە، جۇڭگو خەلقئارا قاتناشتا ئىمكانىيەتلىك سىجىل يېڭىلىق يارىتىش ۋە بىلىم مەركىزى سۇپىسىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، يەرشارىۋى قاتناش ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىنى ئالغا سىلجىتىش، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030 - يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

  جۇڭگو خەلقئارا قاتناشتا ئىمكانىيەتلىك سىجىل يېڭىلىق يارىتىش ۋە بىلىم مەركىزى قۇرۇلغانلىقىنىڭ يوپۇق ئېچىش مۇراسىمى شۇ كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ