مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى جەنشۇ 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 126-قېتىملىق كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 37-قېتىملىق يىغىنىنى 10-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئېچىش قارار قىلىندى

2022.10.17 14:50 مەنبە: خەلق تورى

  13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 126-قېتىملىق كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى 10–ئاينىڭ 13-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى، كومىتېت باشلىقى لى جەنشۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 37-قېتىملىق يىغىنىنى 10-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئېچىش قارار قىلىندى.

  كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىدا تەكلىپ بېرىلگەن 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 37-قېتىملىق يىغىنىنىڭ قارالمىلىرى تۆۋەندىكىچە: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش؛ ئاياللارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى، خۇاڭخې دەرياسىنى قوغداش قانۇنى لايىھەسى، چارۋىچىلىق قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنى داۋاملىق قاراپ چىقىش؛ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ قانۇن چىقىرىش قانۇنى تۈزىتىلمە لايىھەسىنى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپىگە قاراپ چىقىش؛ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش كومىتېتىنىڭ توسالغۇسىز مۇھىت قۇرۇلۇشى قانۇنى لايىھەسىنى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپىگە قاراپ چىقىش؛ گوۋۇيۈەننىڭ مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپىگە قاراپ چىقىش؛ گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ زاپاس ھەربىيلەر قانۇنى لايىھەسىنى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپىگە قاراپ چىقىش.

  كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىدا يەنە تەكلىپ بېرىلگەن قارالمىلار تۆۋەندىكىچە: گوۋۇيۈەننىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن كېنىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار بويىچە قانۇن يۈرگۈزۈش جەھەتتە ماسلىشىش ھەمكارلىقى شەرتنامىسى»نى قاراپ چىقىپ تەستىقلاشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن ماراكەش پادىشاھلىقىنىڭ جىنايى ئىشلار بويىچە قانۇن يۈرگۈزۈش جەھەتتە ماسلىشىش ھەمكارلىقى شەرتنامىسى»نى قاراپ چىقىپ تەستىقلاشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن ئېكۋادور جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار بويىچە قانۇن يۈرگۈزۈش جەھەتتە ماسلىشىش ھەمكارلىقى شەرتنامىسى»نى قاراپ چىقىپ تەستىقلاشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپى، «خەلقئارا پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسىگە مۇناسىۋەتلىك قانۇنسىز قىلمىشلارنى چەكلەش ئەھدىنامىسى»نى قاراپ چىقىپ تەستىقلاشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپىگە قاراپ چىقىش؛ گوۋۇيۈەننىڭ رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى، پۇل مۇئامىلە خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى، زىيادە ئېغىر تاپشۇرۇق يۈكى ۋە مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلىنىش يۈكىنى ئۈنۈملۈك يېنىكلىتىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى، 2021-يىللىق دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئۇنىۋېرسال دوكلاتىغا قاراپ چىقىش؛ ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خەلق سوت مەھكىمىلىرىنىڭ چەت ئەلگە چېتىشلىق سوت خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىغا قاراپ چىقىش؛ ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى تەپتىش قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىغا قاراپ چىقىش؛ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش توغرىسىدىكى دوكلاتى، چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش قانۇنىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش توغرىسىدىكى دوكلاتىغا قاراپ چىقىش؛ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مىللەتلەر كومىتېتى، رېۋىزىيە ۋە ئەدلىيە كومىتېتى، مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتى، مائارىپ-پەن-مەدەنىيەت-سەھىيە كومىتېتى، تاشقى ئىشلار كومىتېتى، مۇھىت ۋە بايلىق ئاسراش كومىتېتى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش كومىتېتى ئايرىم-ئايرىم ئوتتۇرىغا قويغان 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5-يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى قاراپ چىقىشقا تاپشۇرغان ۋەكىللەر ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپلەرنى قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتقا قاراپ چىقىش؛ كومىتېت باشلىقى لى جەنشۇنىڭ رۇسىيە، موڭغۇلىيە، نېپال، كورېيەدە زىيارەتتە بولۇش ھەم رۇسىيەدە 7-نۆۋەتلىك شەرق ئىقتىساد مۇنبىرىگە قاتنىشىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى يازما دوكلاتىغا قاراپ چىقىش؛ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋەكىللەرنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ قىسمەن ۋەكىللەرنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتى توغرىسىدىكى دوكلاتىغا قاراپ چىقىش؛ ئالاقىدار تەيىنلەش-قالدۇرۇش لايىھەسىگە قاراپ چىقىش قاتارلىقلار.

  كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىدا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى ياڭ جېنۋۇ دائىمىي كومىتېت 37–قېتىملىق يىغىنىنىڭ قارالما لايىھەسى ۋە كۈنتەرتىپ ئورۇنلاشتۇرۇشى توغرىسىدا دوكلات بەردى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مۇئاۋىن باش كاتىپلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلىرى، دائىمىي كومىتېت ئالاقىدار خىزمەت كومىتېتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە دائىمىي كومىتېت ۋەكىللەرنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مەسئۇللىرى دائىمىي كومىتېتنىڭ 37–قېتىملىق يىغىنىنىڭ قارالمىلىرى قاتارلىقلار توغرىسىدا دوكلات بەردى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرىدىن ۋاڭ چېن، ساۋ جيەنمىڭ، جاڭ چۈنشيەن، شېن يۆيۆ، جى بىڭشۈەن، ئەركىن ئېمىرباقى، ۋەن ئېشياڭ، ۋاڭ دۇڭمىڭ، بەيما چىلىن، دىڭ جۇڭلى، خاۋ مىڭجىن، سەي دافېڭ، ۋۇ ۋېيخۇا يىغىنغا قاتناشتى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ