پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى تەييارلىق يىغىنى ۋە ھەيئەت رىياسىتىنىڭ 1 - قېتىملىق يىغىنىنى ئۆتكۈزدى

2022.10.17 08:33 مەنبە: خەلق تورى

  ​يولداش شى جىنپىڭ تەييارلىق يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى، ۋەكىللەرنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش كومىتېتىدىكىلەرنىڭ ئىسىملىكى، قۇرۇلتاي ھەيئەت رىياسىتىدىكىلەرنىڭ ئىسىملىكى ۋە قۇرۇلتاينىڭ قارالمىلىرى قاتارلىقلار ماقۇللاندى

  ​يولداش شى جىنپىڭ ھەيئەت رىياسىتى يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى، ھەيئەت رىياسىتى دائىمىي كومىتېتىدىكىلەرنىڭ ئىسىملىكى، ۋەكىللەر سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى ۋە قۇرۇلتاي كۈنتەرتىپى قاتارلىقلار ماقۇللاندى

  10 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 20 - قۇرۇلتىيى ھەيئەت رىياسىتى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا 1 - قېتىملىق يىغىن ئۆتكۈزدى. يولداش شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 20 - قۇرۇلتىيى 10 - ئاينىڭ 15 - كۈنى چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا تەييارلىق يىغىنى ئۆتكۈزدى.

  يولداش شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ۋەكىل ۋە ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ۋەكىل 2379 كىشى.

  تەييارلىق يىغىنىغا قاتناشقان ۋەكىل، ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ۋەكىل 2310 نەپەر.

  يىغىندا قول كۆتۈرۈپ ئاۋاز بېرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق، 22 كىشىدىن تەركىب تاپقان ۋەكىللەر سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش كومىتېتىدىكىلەرنىڭ ئىسىملىكى ماقۇللاندى، 243 كىشىدىن تەركىب تاپقان قۇرۇلتاي ھەيئەت رىياسىتىدىكىلەرنىڭ ئىسىملىكى ماقۇللاندى، ۋاڭ خۇنىڭنى قۇرۇلتاينىڭ باش كاتىپلىقىغا تەيىنلەش ماقۇللاندى، يىغىندا يەنە قۇرۇلتاي كاتىبات باشقارمىسىنىڭ ئاپپارات تەسىس قىلىشى ۋە خىزمەت ۋەزىپىسى ماقۇللاندى.

  يىغىندا يەنە 20 - قۇرۇلتاينىڭ قارالمىلىرى ماقۇللاندى. قۇرۇلتاي قارالمىلىرى: 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ دوكلاتىنى ئاڭلاپ ئۆتۈش ۋە تەكشۈرۈش؛ 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى تەكشۈرۈش؛ «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نىزامنامىسى(تۈزىتىلمىسى)»نى قاراپ چىقىپ ماقۇللاش؛ 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنى سايلاش؛ 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنى سايلاش.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 20 - قۇرۇلتىيى ھەيئەت رىياسىتى 10 - ئاينىڭ 15 - كۈنى چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا 1 - قېتىملىق يىغىن ئۆتكۈزدى.

  يولداش شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

  يىغىندا ئالدى بىلەن قۇرۇلتاينىڭ باش كاتىپى ۋاڭ خۇنىڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە، قول كۆتۈرۈپ ئاۋاز بېرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق يولداش شى جىنپىڭ قاتارلىق 46 كىشىدىن تەركىب تاپقان ھەيئەت رىياسىتى دائىمىي كومىتېتىدىكىلەرنىڭ ئىسىملىكى ماقۇللاندى.

  ئارقىدىن، يىغىن يولداش شى جىنپىڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە تۈرلۈك قارالمىلارنى ئورۇندىدى. يىغىندا قول كۆتۈرۈپ ئاۋاز بېرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق دىڭ شۆشياڭ، چېن شى، گو شېڭكۇن، خۇاڭ كۇنمىڭنى قۇرۇلتاينىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپلىقىغا تەيىنلەش ماقۇللاندى.

  يىغىندا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 20 - قۇرۇلتىيى ۋەكىللەر سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ۋەكىللەر سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش توغرىسىدىكى دوكلاتى ماقۇللاندى.

  دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرقايسى سايلام ئورۇنلىرىدا سايلاپ چىقىلغان ھەم مەركەزنىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈپ ئېلان قىلىنغان ۋەكىل جەمئىي 2296 نەپەر. تەكشۈرۈش ئارقىلىق، 2296 نەپەر ۋەكىلنىڭ ۋەكىل سالاھىيىتىنىڭ كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكى بېكىتىلدى. قۇرۇلتايغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ۋەكىل 2296 نەپەر.

  دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى 20 - قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنى سايلاش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. بۇلتۇر 11 - ئايدىن باشلاپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ھەرقايسى سايلام ئورۇنلىرى پارتىيە نىزامنامىسىنى تۈپ قوللانما قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ خاراكتېرى، ئاساسىي مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشنى ۋەكىللەرنى سايلاش خىزمىتىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، پارتىيە ئىچىدە دېموكراتىيەنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، سالاھىيەت شەرتىنى چىڭىتىپ، بارلىققا كەلتۈرۈش تەرتىپىنى پۇختىلاپ، سايلام ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، ۋەكىللەرنى سايلاشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلىدى.

  دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: ۋەكىللەرنى بارلىققا كەلتۈرۈش جەريانىدا، ھەرقايسى سايلام ئورۇنلىرى تۆۋەندىن يۇقىرىغا تاللاش، يۇقىرى بىلەن تۆۋەننى بىرلەشتۈرۈش، قايتا - قايتا كېڭىشىش، دەرىجىمۇدەرىجە تاللاشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى، پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرىنىڭ پىكرىنى تولۇق ئاڭلاپ ئۆتتى، مەملىكەت بويىچە ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتنىشىشى تولۇق قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ قاتنىشىش نىسبىتى %99.5كە يەتتى. سىياسىي ئۆلچەمنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي ساپانى تەكشۈرۈشنى چوڭقۇر، پۇختا ئىشلەپ، نامزات تاللاشتىكى سىياسىي ئۆتكەلنى چىڭ ئىگىلىدى؛ بارلىق تەكشۈرۈش ئوبيېكتلىرىغا قارىتا «تۆت جەزمەن» تەكشۈرۈشنى ئەستايىدىل ئېلىپ بېرىپ، پاكلىق پىكرىگە «قوش ئىمزا قويۇش»نى يولغا قويدى. پىكىر ئېلىش ۋە تەكشۈرۈش ئەھۋالىغا ئاساسەن، ۋەكىل نامزاتى بولۇشقا مۇۋاپىق كەلمەيدىغانلىرىنى تەڭشىدى. ھەرقايسى سايلام ئورۇنلىرى پارتىيە كومىتېتى ئومۇمىي يىغىنى ياكى پارتىيە كومىتېتى (پارتىيە گۇرۇپپىسى) كېڭەيتىلگەن يىغىنى ئېچىپ، بېلەت تاشلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق ۋەكىل نامزاتلىرىنىڭ كاندىدات نامزاتلىرىنى بېكىتتى. شىزاڭ، شىنجاڭدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن تەڭ نامزات كۆرسىتىپ سايلاش يولغا قويۇلغاندىن باشقا، ھەرقايسى سايلام ئورۇنلىرى پارتىيە قۇرۇلتىيى ياكى پارتىيە ۋەكىللىرى يىغىنى ئېچىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىدىغان ۋەكىللەرنى ئارتۇق نامزاتلىق سايلىدى، ئارتۇق نامزاتلىق نىسبىتى بىردەك %15تىن ئارتۇق بولدى، بۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن. ۋەكىللەرنى سايلاش خىزمىتى تەشۋىقاتى كۈچەيتىلدى، مەركەزدىكى ئاساسلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق، كۆپ خىل ئۇسۇللار قوللىنىلىپ، ۋەكىللەرنى سايلاش خىزمىتى ئەھۋالى خەۋەر قىلىندى.

  دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: 20 - قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى ئومۇمىي جەھەتتىن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بەلگىلىگەن شەرتكە ئۇيغۇن، بىرقەدەر يۇقىرى ئىدىيەۋى - سىياسىي ساپاغا، ياخشى ئىستىل - پەزىلەتكە ۋە بىرقەدەر كۈچلۈك مۇھاكىمە قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە، ئۇلار ئۆز خىزمەت ئورنىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقان بولۇپ، كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرى ئىچىدىكى مۇنەۋۋەرلەر؛ ۋەكىللەرنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە تارقىلىشى بىرقەدەر مۇۋاپىق، تۈرلۈك قۇرۇلما نىسبەتلىرىنىڭ ھەممىسى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇپ، كەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە.

  دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: 19 - قۇرۇلتاي ئېچىلغان چاغدىكى ئۇسۇل بويىچە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان 83 نەپەر ۋەكىلنىڭ پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىشىنى بېكىتتى، ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ۋەكىللەر ۋەكىللەر بىلەن ئوخشاش ھوقۇق - مەنپەئەتتىن بەھرىمەن بولىدۇ.

  يىغىندا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 20 - قۇرۇلتىيى سايلام چارىسى(لايىھە) ماقۇللىنىپ، ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ كېڭىشىشىگە سۇنۇلدى.

  يىغىندا يەنە يىغىنغا سىرتتىن قاتنىشىدىغانلار ۋە مېھمانلارغا مۇناسىۋەتلىك ئىش تۈرلىرى ماقۇللاندى. مەركىزىي كومىتېت پارتىيە ئىچىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار ۋە قىسمەن پارتىيە سىرتىدىكى زاتلارنى قۇرۇلتايغا سىرتتىن قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىشنى قارار قىلدى. قۇرۇلتايغا سىرتتىن قاتنىشىدىغانلار: 20 - قۇرۇلتاينىڭ ۋەكىلى بولمىغان 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرى، كاندىدات ئەزالىرى ۋە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، 20 - قۇرۇلتاينىڭ ۋەكىلى بولمىغان، ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ۋەكىل بولمىغان سابىق مەركىزىي كومىتېت مەسلىھەتچىلەر كومىتېتىنىڭ سابىق ئەزالىرى، ھەمدە باشقا ئالاقىدار يولداشلار، جەمئىي 354 كىشى. مېھمان سۈپىتىدە قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلىش ۋە يېپىلىش مۇراسىمىغا سىرتتىن قاتنىشىدىغانلار: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھازىرقى ۋە ئىلگىرىكى مۇئاۋىن كومىتېت باشلىقلىرى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار، بېيجىڭدىكى ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى، پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرى، دىن ساھەسىدىكى ۋەكىللىك زاتلار، بېيجىڭدىكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتى ئەزالىرى ئىچىدىكى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار، پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلار ۋە مىللەت، دىن ساھەسىدىكى زاتلار، جەمئىي 154 كىشى.

  ھەيئەت رىياسىتى يىغىنى يەنە 20 - قۇرۇلتاينىڭ كۈنتەرتىپىنى ماقۇللىدى. بۇ كۈنتەرتىپكە ئاساسەن، 20 - قۇرۇلتاي 10 - ئاينىڭ 16 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئېچىلىدۇ، 10 - ئاينىڭ 22 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن يېپىلىدۇ.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ