مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگۇ كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20- قۇرۇلتىيىنىڭ تەييارلىق يىغىنى ئېچىلدى، يىغىنغا يولداش شى جىنپىڭ رىياسەتچىلىك قىلدى

2022.10.16 13:04 مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭگۇ كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20- قۇرۇلتىيى 15- ئۆكتەبىر بېيجىڭ خەلق سارىيىدا تەييارلىق يىغىنى ئاچتى. يىغىنغا يولداش شى جىنپىڭ رىياسەتچىلىك قىلدى.

  20- قۇرۇلتايغا كېلىشكە تېگىشلىك ۋەكىللەر ۋە ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ۋەكىللەر جەمئىي 2379، تەييارلىق يىغىنىغا قاتناشقان ۋەكىللەر ۋە ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ۋەكىللەر جەمئىي 2310 كىشى.

  يىغىن قول كۆتۈرۈپ ئاۋاز بېرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق 22 كىشىدىن تەركىب تاپقان ۋەكىللەر سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش كومتېتىنىڭ تىزىملىكى، 243 كىشىدىن تەركىب تاپقان قۇرۇلتاي ھەيئەت رىياسىتىنىڭ تىزىملىكى ۋە ۋاڭ خۇنىڭنىڭ قۇرۇلتاينىڭ باش كاتىپى بولۇشى ماقۇللاندى . يىغىندا يىغىن كاتىبات باشقارمىسىنىڭ ئاپپارات تەسىس قىلىشى ۋە خىزمەت ۋەزىپىسى ماقۇللاندى.

  يىغىندا يەنە 20- قۇرۇلتاينىڭ كۈن تەرتىپى ماقۇللاندى. قۇرۇلتاينىڭ كۈن تەرتىپى تۆۋەندىكىچە: 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومتېتنىڭ دوكلاتىنى ئاڭلاش ۋە تەكشۈرۈش؛ 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى تەكشۈرۈش؛ «جۇڭگۇ كوممۇنىستىك پارتىيەسى نىزامنامىسى (تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن لايىھەسى)»نى قاراپ چىقىپ ماقۇللاش؛ 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومتېتنى سايلاش؛ 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومتېتىنى سايلاش.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ