مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ ۋەتەننىڭ تولۇق بىرلىكىنى چوقۇم ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك، شۇنداقلا چوقۇم ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ! دېدى

2022.10.18 23:55 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئاينىڭ 17-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 20-قۇرۇلتىيى 10-ئاينىڭ 16-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. شى جىنپىڭ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن يىغىنغا دوكلات بەردى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئومۇمىي تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۇلۇغ ئىشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىش كېرەك. بىز تەيۋەنلىك قېرىنداشلارغا باشتىن-ئاخىر ھۆرمەت قىلىپ، غەمخورلۇق قىلىپ ۋە بەخت يارىتىپ، ئىككى قىرغاقنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە داۋاملىق كۈچ چىقىرىپ، ئىككى قىرغاقنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ئورتاق ئەۋج ئالدۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ قەلب بىرلىكىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. تەيۋەن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش جۇڭگولۇقلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئىشى، بۇنى جۇڭگولۇقلار قارار قىلىشى كېرەك. بىز ئەڭ زور سەمىمىيەت، ئەڭ زور تىرىشچانلىق بىلەن تىنچ بىرلىككە كېلىش ئىستىقبالىنى قولغا كەلتۈرۈشتە چىڭ تۇرىمىز، لېكىن قورال كۈچى ئىشلىتىشتىن ۋاز كېچىشكە ھەرگىز ۋەدە بەرمەيمىز، بارلىق زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز. بۇ، تاشقى كۈچلەرنىڭ ئارىلىشىشى ۋە ئىنتايىن ئاز ساندىكى «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىگە قارىتىلغان، ھەرگىزمۇ كەڭ تەيۋەنلىك قېرىنداشلارغا قارىتىلغان ئەمەس. دۆلەتنىڭ بىرلىكى، مىللەتنىڭ گۈللىنىش تارىخى توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ، ۋەتەننىڭ تولۇق بىرلىكىنى چوقۇم ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك، شۇنداقلا چوقۇم ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ!

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ