مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈش كېرەك، دېدى

2022.10.18 23:55 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئاينىڭ 17-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 20-قۇرۇلتىيى 10-ئاينىڭ 16-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. شى جىنپىڭ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن يىغىنغا دوكلات بەردى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئۇزاققا سوزۇلغان جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك، چىرىكلىك — پارتىيەنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە جەڭگىۋارلىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان ئەڭ چوڭ زەھەرلىك ئۆسمە، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش — ئەڭ ئۈزۈل-كېسىل بولغان ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش ھېسابلىنىدۇ. چىرىكلىك مەسىلىسى پەيدا بولىدىغان تۇپراق ۋە شارائىت بولسىلا، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى بىر مىنۇتمۇ توختىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ، جەزمەن ئاتاكىغا ئۆتۈش سىگنالىنى مەڭگۈ چېلىپ، چىرىكلىشىشكە جۈرئەت قىلالماسلىق، چىرىكلىشەلمەسلىك، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، قىلچە يول قويماسلىق پوزىتسىيەسى بىلەن چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، رەزىللىكنى جازالاپ، ھەرگىز مادارا قىلماسلىق كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ