مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«ئىشەنچ بولغاچقا، ئىشلىرىمىزنى ياخشى قىلىشىمىز لازىم» (مىكرو كۆرۈنۈش — باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىدا گۇاڭشى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتناشتى)

2022.10.18 23:58 مەنبە: خەلق تورى

  ۋاقتى: 2022-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن

  كۈنتەرتىپ: پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىدا گۇاڭشى ۋەكىللەر ئۆمىكى پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىنى مۇزاكىرە قىلدى

  «بەش يولداشنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، كۆپچىلىكنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا بولغان يۈكسەك ئىشەنچىنى، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىغا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمغا بولغان قەتئىي ئىشەنچىنى تولۇق ھېس قىلدىم.» باش شۇجى شى جىنپىڭ يىغىن مەيدانىغا كۆز يۈگۈرتتى، گۇاڭشى زېمىنىدىن كەلگەن ۋەكىللەرنىڭ كۆزلىرىدىن نۇر چاقناپ تۇراتتى.

  ئۇلار گۇاڭشىدىكى 57 مىليون ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ يۈرەك ساداسىنى ئېلىپ كەلدى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزى ئىللىق، ئەمما قەتئىي ئىدى:

  «مەنمۇ كۆپچىلىككە ئوخشاش ئادەتتىكى كومپارتىيە ئەزاسى. بىز ئىشنى ھەقىقىي ياخشى قىلىمىز، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى جايلارنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرىمىز. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمغا ئىشەنگەنلىكىمىز ئۈچۈن، ئىشلىرىمىزنى ئوبدان ئىشلىدۇق.»

  ئون يىللىق ئاجايىپ مۇۋەپپەقىيەتلەر ماددىي بايلىقلار مول، ئامما بېيىغان، تۈمەنلىگەن ئائىلىلەر گۈللەنگەن مەنزىرىلەرگە پۈتۈلدى. يىغىن مەيدانىدىكى ھەر بىر ۋەكىل بۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدى. دولقۇن كېزىپ ئۆتكەندىكى خەۋپ-خەتەرلەر، داۋانغا يامىشىشتىكى جاپا-مۇشەققەتلەر، ئۆتكەلدىن ئۆتۈشتىكى قىيىنچىلىقلار، قارىماققا يەڭگىلى بولمايدىغان قىيىن ئۆتكەللەر، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان مۆجىزىلەر كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالاتتى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋردىكى ئون يىللىق ئۇلۇغ ئۆزگىرىشتىن ئايىغى ئاستىدىكى يولنى تەپسىلىي كۆزەتتى: ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، «توغرا مېڭىپ، راۋان مېڭىپلا قالماي، بەلكى پۇختا مېڭىپ، ياخشى ماڭدۇق.»

  ئالدىنقى كۈنى باش شۇجى پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىغا دوكلات بەرگەندە، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسى»نى ئېنىق تەكىتلىدى. گۇاڭشى ۋەكىللەر ئۆمىكى مۇزاكىرە قىلغاندا، ئۇ مۇنداق شەرھلىدى: «ئالدىنقى بىر مەزگىلدە بىز دىققەتنى ھاللىق سەۋىيەگە مەركەزلەشتۈرۈپ، مۇتلەق نامراتلىقنى ھەل قىلدۇق. ھازىر دىققەتنى ‹ئىككى قەدەم›گە مەركەزلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق مىللەتنىڭ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرىمىز.»

  زامانىۋىلاشتۇرۇش دېگەن نېمە؟

  «ئېسىمدە قېلىشىچە، ئەينى يىلى مەن يېزىغا بارغاندا، شۇ جايدىكى ‹زىيالىيلار› يېنىمغا كېلىپ تەشۋىق قىلىپ، ‹بىز بۇنىڭدىن كېيىن زامانىۋىلىشىپ كېتىمىز، ئۇ چاغدا ئوخشىمايدۇ، بىنانىڭ ئۈستى-ئاستىدا لامپۇچكا-تېلېفونلار بار بولىدۇ، مانتا-تۈگۈرلەردە گۆش پارچىسى بار بولىدۇ› دېگەن ئىدى.» ئىلگىرى يېزا-كەنتلەردە ئويلاشقىمۇ پېتىنالمايدىغان ئارزۇ-ئارمانلار بۈگۈنكى جۇڭگو زېمىنىدا ئاددىي كىشىلەر ئۈچۈنمۇ ئادەتتىكى تۇرمۇش بولۇپ قالدى.

  پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ جۇڭگوچە ئالاھىدىلىكى ۋە ماھىيەتلىك تەلىپىنى ئېنىق كۆرسىتىپ: «ھازىر بىزنىڭ نىشانىمىز بارغانسېرى ئايدىڭلاشتى» دېدى.

  ھەربىر مەزگىلنىڭ ئۆزىنىڭ بۇرچ، ۋەزىپىسى بولىدۇ، ھەربىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتى بولىدۇ. «بىز دىققەتنى پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يۇقىرى-تۆۋەن بىر نىيەتتە بولۇشىمىز كېرەك.»

  يۇقىرى-تۆۋەن بىر نىيەتتە بولغۇچىلار غەلىبە قىلىدۇ. ئەڭ مۈشكۈل ئىش، ئەڭ ئېغىر ۋەزىپە ئالدىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى باشتىن-ئاخىر مىليونلىغان خەلق بىلەن بىللە ئويلاپ، بىللە ئىشلەپ، بىللە جان تىكىپ ئېلىشىپ، بىللە كۈرەش قىلدى.

  «نۆۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە يەڭنى تۈرۈپ غەيرەت بىلەن ئىشلەپ، ھەر بىر قەدەمنى پۇختا بېسىپ، پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان زور تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ھەرىكىتىمىزدە كۆرسىتىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىش. بۇ يەنە بىزنىڭ ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، مۇتلەق نامراتلىق مەسىلىسىنى ئۈزۈل-كېسىل ھەل قىلغاندىن كېيىنكى يېڭى ۋەدىمىز.» بۇ، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ كەلگۈسىگە نەزەر سالغان تەنتەنىلىك جاكارى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ